UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربىما - سۇمبالار

بىما - سۇمبالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بىما - سۇمبالار ھىندونېزىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي قىسمىدا ئولتۇراقلاشقان، بىمالار (460 مىڭ)، سومبالار (430 مىڭ)، موڭگاداي،ڭادا، لئو ۋە ساۋۇ قاتارلىق نەچچىلىگەن ئۇششاق مىللەت - قوۋملىرىنىڭ ئومۇمىي ئاتلىشى بولۇپ، ھىندونېزىيىدە ياشىغۇچى مىللەتلەر گۇرۇھىدىن بىرى. بىما - سۇمبالار ئاساسەن نۇساتىنگارا تاقىم ئاراللىرىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن 2 مىليوندىن كۆپرەك. ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىپتىدائي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. بىما - سۇمبالار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بىما - سۇمبا مىللەتلىرى نۇساتىنگارا تاقىم ئاراللىرىدىكى يەرلىك ئاھالىلار بىلەن قوشنا ئاراللاردىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئۇزاق ۋاقىت قوشۇلىشىدىن پەيدىنپەي نەچچە مىللەت - قوۋم بولۇپ شەكىللەنگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر