پاراگۋايلىقلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) پاراگۋايلىقلار <پاراگۋاي گۇارانىلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. پاراگۋايلىقلار پاراگۋايدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 2.91 پىرسەنتى پاراگۋايدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى 2 مىليون 680 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 6.90 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ، يەنە بىر قىسمى ئارگېنتىنا، برازىلىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 420 مىڭ.
پاراگۋايلار ئىندىئان قان سىستېمىسى ئاساس قىلغان ئارىلاشما قانلىقلار تىپىغا كىرىدۇ.
پاراگۋايلىقلار ئىسپان تىل - يېزىقى بىلەن ئاند - ئىكۋاتۇر تىللىرى سىستېمىسى دۇبىن - گۇارانا تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇارانى تىلىنى قوللىنىدۇ؛ يېزىقى بار.
پاراگۋايلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسىم كىشلەر كۆپ ئىلاھقا ئېتىقاد قىلىشنى ساقلاپ كەلمەكتە.
پاراگۋايلىقلارنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. دېھقانچىلىقىدا ئاساسەن كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، بۇغداي، قەھۋە، مانىخوت قاتارلىقلار ئۆستۈرىلىدۇ، چارۋىچىلىقى كالا بىلەن قوي باقمىچىلىقىنى ئاساس قىلىدۇ.
(2) پاراگۋاي جۇمھۇرىيىتى ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 4 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، ئۇنىڭ 90 پىرسەنتى ئىندىئانلار بىلەن ياۋروپالىقلاردىن بولغان ئارىلاشما قانلىقلار، قالغىنىنى ئىندىئانلار بىلەن ئاقتەنلىكلەر، نېگىرلار تەشكىل قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ 95 پىرسەنتى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
پاراگۋايلىقلار كۆپرەك ياڭيۇ ۋە كۆممىقوناق، مانىخوت ۋە بۇغداي ئۇنىدىن قىلىنغان بولكا قاتارلىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىدۇ.
پاراگۋايلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئەنئەنىۋى ھېيت - ئايەملىرى يېڭى يىل، روژدېستۋو، پاسخا ۋە <سوغۇق يېمەكلىكلەر كۈنى> بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتى، بايرام مەزگىلىدىكى پائالىيەتلىرى مېكسىكا ۋە باشقا لاتىن ئامېرىكىسى مىللەتلىنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
پاراگۋايلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئىچىدە بۇقا سوقۇشتۇرۇش ئۆزگىچە بولىدۇ. پاراگۋايلىقلارنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى مىللەتلىرىدىن پەرق قىلىدىغان يېرى - ئۇلاردا ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى تاماكا چېكىدۇ.