گۇراگېلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
گۇراگېلار ئېفىئوپىيىدە ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇلار ئېفىئوپىيىنىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 1 مىليون 300 مىڭ بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.3 پىرسەنتىنىى ئىگىلەيدۇ.
گۇراگېلار ھەبەش ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، قەدىمكى ساملارنىڭ بىر تارمىقى. ئۇلار ئىچىدىن چاخا، گومېر، ۋولانې، سوددو قاتارلىق قەبىلە - قوۋملارغا بۆلۈنىدۇ.گۇراگېلار سام - ھام تىللىرى سىستېمسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە گۇراگې تىلىنى قوللىنىدۇ.
گۇراگېلارنىڭ بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ كوپتى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان.
ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچسى يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق ئارىلاشقان كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.گۇراگېلار ياغاچ ئويمىكارلىق ھۈنەر - سەنئىتىگە ماھىر كېلىدۇ.
گۇراگېلاردا بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش نىكاھ تۈزۈمى يولغا قويۇلغان، قىز - ئوغۇللىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلىش ئادىتى بار، ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلاپ، مال - مۈلۈككە ۋارسلىق قىلىدۇ.