خالدىئانلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
خالدىئانلار غەربىي ئاسىيادا ياشىغان قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى، ساملار (سېمىتلار) نىڭ بىر تارمىقى.
خالدىئانلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1000 - يىللىرى ئەتراپىدا، بابىلۇنىيە (بابىل) گە يېقىن پېرسىيە قولتۇقىنىڭ غەربىي شىمالىي رايونىدا ياشىغان.خالدىئانلار سام - ھام تىللىرى سىستېمىسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە خالدىئانلار (ئوكارت) تىلىنى قوللانغان ۋە ئەڭ قەدىمكى مىخسىمان يېزىقنى كەشىپ قىلىپ قوللانغان.
خالدىئانلارنىڭ پادىشاھى نابۇپولاسسار (م.ب تەخمىنەن 630 - 605) مىلادىدىن ئىلگىرىكى 620 - يىلى بابىلۇننى ئىشغال قىلىپ، يېڭى بابىلۇن (<خالدىئانلار پادىشاھلىقى> دەپ ئاتىلىدۇ) پادىشاھلىقىنى بەرپا قىلغان.
پادىشاھ نىبوخانېسار ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى 605 - 562) دۆلەت قۇدرەت تېپىپ، زېمىنى غەربتە سۈرىيە ۋە پەلەستىن ھەمدە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىغىچە، شەرقتە مېسوپاتامىيە تۈزلەڭلىكىگىچە يېتىپ بارغان.
بابىلۇن شەھىرىدە ئەينى زاماندا قۇلدارلىق ئىگىلىكى راۋاجلانغان، پەن - مەدەنىيەت گۈللەنگەن، غەربىي ئاسىيادىكى ئەڭ ئاۋات شەھەرگە ئايلانغان.
بۇ پادىشاھلىق مىلادىدىن ئىلگىرىكى 538 - يىلى پېرسىيىلىكلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.
خالدىئانلارمۇ كېيىنكى باشقا مىللەتلەرگە سىڭىشىپ كەتكەن.