تايلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
(1) تايلار <تاينوڭلار>،<تۈلەۋلەر>،<پازىلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە <ئاق كىيىملىك تايلار> ۋە <قارا كىيىملىك تايلار> دەپ ئىككى تارماققا بۆلۈنىدۇ. تايلار ۋيېتنامدا ياشىغۇچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن قىزىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىمى رايونىدىكى لياڭشەن، گاۋپىڭ، خېيجياڭ ۋە ئەنپېي ئۆلكىلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەىمىنەن 1 مىليونغا يېقىن بولۇپ، ۋېتنام ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 4.1 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ.
تايلار موڭغۇل ئىرقىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا تىپىغا كىرىدۇ، خەنزۇ - تىبەت تىللىرى سىستېمىسى دۇڭزۇ - دەيزۇ تىللىرى گۇرۇپپىسى جۇڭزۇ - دەيزۇ تىللىرى تارمىقىغا تەۋە تاي تىلىنى قوللىنىدۇ. تارىختا خەنزۇ يېزىقى ئاساسىدا تاي يېزىقى يارىتىلغان بولسىمۇ ئومۇملاشمىغان. 1961 - يىلى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدا تاي يېزىقى ئىجاد قىلىنغان بولۇپ، ھازىر كېڭەيتىلىۋاتىدۇ.
تايلار ئاھالىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى مۇشرىكىزىم (كۆپ خۇدا) غا ئېتىقاد قىلىدۇ.
تايلار ئاساسەن دېھقانچىلىق، قوشۇمچە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا شال، كۆممىقوناق ۋە مېۋە - چېۋە يېتىشتۈرىدۇ.
تايلارنىڭ ئەجدادلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىرلەردە ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىلىرىدىن ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى ئارقىلىق ۋيېتنامنىڭ شىمالى ۋە شەرقىي جەنۇبىي رايونىغا كۆچۈپ كىرگەن <لويۆللەر> نىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، ئۇلار Ⅸ ئەسىرلەردە بۇ يەردە ياشىغۇچى كىنلار بىلەن قوشۇلۇپ پەيدىنپەي بىر مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن.
تايلارنىڭ يىگىت - قىزلىرى ئادەتتە بۇرۇنراق نىكاھلىق بولىدۇ. نىكاھتىن ئاجرىشىش كەم ئۇچرايدۇ، ئەر تەرەپ ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، زور ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەيدۇ، قىزلىرى ياتلىق بولۇپ تاكى ئېغىر ئاياغ بولغىچە قېينئانىسى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرماي، ئانىسىنىڭ قېشىدا تۇرىدۇ.
تايلار تۇرمۇش، ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە ئېلىمىزدىكى جۇاڭزۇلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
تايلارنىڭ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى ھېيت - بايراملىرى ئون نەچچىگەيېتىپ بارىدۇ، ئۇلاردىن ئاساسلىقلىرى سۇنگان بايرىمى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بايرىمى، پىل بايرىمى، سۇلەيلى گۈلى بايرىمى، سۇ پانۇس بايرىمى ۋە كالا بەيگىسى بايرىمى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
تايلارنىڭ تۇرمۇشىدا پەرھىزلىرى كۆپ بولىدۇ.تايلار ئۆزىنىڭ فامىلىسى بىلەن ئوخشاش ئاھاڭدىكى يېمەكلىكلەرنى يېمەيدۇ، ئەپسانە - رىۋايەتلەردە تىلغا ئېلىنغان ئۆزلىرىنىڭ توتېمىغا تەۋە ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى ئىستېمال قىلمايدۇ؛ ئىككى قات ئاياللىرى ئىككى ئاياغلىق ياكى تۆت ئاياغلىق ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىككى قات ئاياللار ئۆدەك گۆشىنى يېسە بالا دۆت بولىدۇ، غاز گۆشىنى يېسە بالا ئۇزۇن بويۇن (غاز بويۇن) بولىدۇ، پاقا گۆشى يېسە بالا قاغىش بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.
تايلار مۇسىبەت كۈنى تاماق يېمەيدۇ، ئاتا - ئانىسى ئۆلۈپ كەتسە قىرقى، يىلى ۋە ئۈچ يىللىقى توشقان مەزگىلىدە بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ ۋە مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر - چىراغ ئۆتكۈزىدۇ.
(2) تايلار ئىرقشۇناسلىق جەھەتتە، تاغ جىلغىسى شال تېرىقچىلىقى مەدەنىيىتىنى ئاپىرىدە قىلغان بىرمىدىكى شانلار، جوڭگۇدىكى جۇڭجيالار، لائوستىكى تاغ جىلغىلىرىنى ئۆزىگە ماكان قىلغان ئاھالىلەر ۋە تايلاند ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان خەلقلەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا تارقالغان نۇرغۇنلىغان مىللەت - قەبىلىلەر گۇرۇھىنى كۆرسىتىدۇ.