UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرباقاررالار

باقاررالار

دۇنيادىكى مىللەتلەر باقاررالار <باغغارالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، باقاررالار نۇبىيە ۋە شەرقىي سۇدان رايونىدا كالا باقمىچىلىقى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بەدىئىىنلار ئەۋلادىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 5 مىليوندىن كۆپرەك. باقاررالار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز تىپىغا كىرىدۇ؛ ھام - سام تىللىرى سىستېمسى سام تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئەرەب تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. باقاررالار باتاخىن، گائالىئىن، خامار، كابابىش قاتارلىق 20 نەچچە قەبىلە - قوۋمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئاساسەن ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، بىر قىسمى كالا باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. گائالىئىنلارنىڭ تەكتى نوبىيىلىك بولۇپ، ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە سىياسىي مالىمانچىلىق تۈپەيلىدىن جەنۇبقا كۆچۈپ، ھازىرقى سۇداندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. بىراق تەقى - تۇرقى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قاتارلىق جەھەتتە يەنىلا نوبىيىلىكلەر بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كابابىشلار سۇداننىڭ كوردوفان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئۇلار خاۋاۋىر، كېۋرىئات قاتارلىق تارماقلارغا بۆلۈنىدۇ، ئەرەب تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. كابابىشلار سۇداندىكى بەنى سۇلايىم قەبىلىلىرىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇلار Ⅺ ئەسىرلەردە ھازىرقى ئولتۇراقلاشقان ماكانىغا كۆچۈپ كېلىپ، يەرلىك نېگىرلار ۋە نوبىيىلىكلەر بىلەن ئارىلىشىپ ئاخىرى سۇداندىكى بىر ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەن. ئۇلار ئاساسەن تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت جەھەتتە بەدىئىنلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇلار ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ سۈننىتىنى قىلدۇرىدۇ، يىگىت نىكاھلانغاندىن كېيىن قېيىنئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرىدۇ، ئولتۇراق جايلىرى ئاساسەن كالا تېرىسىدىن ياسالغان چېدىرلاردىن ئىبارەت.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر