UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەربىكوللار

بىكوللار

دۇنيادىكى مىللەتلەر بىكوللار <ۋىكوللار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بىكوللار فىلىپپىندا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئاساسەن لوزۇن ئارىلىنىڭ شەرقىي - جەنۇبىي بىكول يېرىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ماسىبات ئارىلىغا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى 3 مىليون 600 مىڭ بولۇپ بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 9.6 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىكوللار موڭغۇل ئىرقى مالاي تىپىغا كىرىدۇ؛ جەنۇبىي ئاراللىرى تىللىرى سىستېمىسى ھىندونېزىيە تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە بىكول تىلىنىڭ كۆپ خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ، ئۆزىنىڭ مىللىي يېزىقى يوق. بىكوللار ئاساسەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. خېلى كۆپ بىكوللار پىلانتاتسىيىلەردە ياللانما ئىشچى بولۇپ ئىشلەيدۇ. بىكوللار تارىختا مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى جەھەتتە تاگاللار بىلەن ۋېسايانلارغا يېقىن بولۇپ كەلگەن، كېيىن ئىسپانىيە ۋە ئامېرىكا مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
بىكوللار | UyghurWiki | UyghurWiki