سلوۋاكلار
دۇنيادىكى مىللەتلەر
سلوۋاكلار سلوۋاكىيە جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت. سلوۋاكلارنىڭ تەخمىنەن 4 مىليون 321 مىڭى سلوۋاكىيىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، 400 مىڭى چېخىيىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. بۇنىڭدىن باشقا، سابىق يۇگۇسلاۋىيە، رۇمىنىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا، كانادا، ۋېنگرىيە، پولشا قاتارلىق ئەللەردىمۇ 2 مىليوندىن كۆپرەك سلوۋاك بار.
سلوۋاكلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ ئالىپ تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى سىلاۋيان تىللىرى گۇرۇپپىسىنىڭ غەربىي تىللار تارمىقىغا تەۋە سلوۋاك تىلىنى قوللىنىدۇ؛ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار.
سلوۋاكلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا، ئاز بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.
سلوۋاكلار ئاساسەن دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سانائىتى ئانچە راۋاج تاپمىغان.
سلوۋاكلارنىڭ ئەجدادلىرى كېلىت، گېرمان، ۋېنگىر قاتارلىق قوۋملارنىڭ ئېتنىك تەركىبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي سىلاۋيانلاردۇر.
مىلادى Ⅱ - Ⅲ ئەسىرلەردە سلوۋاكىيىدە غەربىي سىلاۋيان قەبىلىلىرى ئولتۇراقلاشقان، Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى دوناي دەرياسى ۋادىسىدىكى ھۇن ئىمپېرىيسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن غەربىي سىلاۋيان قەبىلىلىرى كۆچۈپ كەلگەن. Ⅹ ئەسىردىن باشلاپ ۋېنگرلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قېلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ۋېنگرلارنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. ⅪⅩ ئەسىردىن باشلاپ ئاۋستىرىيە - ۋېنگىرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالغان. ⅩⅧ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ھازىرقى زامان سلوۋاك مىللىتى ئاساسەن شەكىللەنگەن.
سلوۋاكلار كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم، ھېيت - بايرام، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەت ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە چېخلار بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.
سلوۋاكلارنىڭ دىنىي بايراملىرىدىن باشقا، قىشلىق تەنتەنە بايرىمى ۋە بادرا تىكلەشتىن ئىبارەت ئۆزگىچە بايراملىرى بار. تەنتەنە بايرىمىنى سلوۋاك دېھقانلىرى باھارنىڭ بىشارىتى سۈپىتىدە ئالاھىدە تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. بادرا تىكلەش بايرىمى ھەر يىلى ماينىڭ بېشىدا ئۆتكۈزىلىدۇ. بۇ بايرام سلوۋاك يېزىلىرىدىكى يىگىتلەرنىڭ ئۆزى ياقتۇرىدىغان قىزلارغا ئىشىق - مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىدىكى ئەڭ ئوبدان پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.