UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرنىدېپېلېلار

نىدېپېلېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر نىدېپېلېلار ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، <ئىندېبېلېلار>، <ماتابېلېلار>، <باۋېشالار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. نىدېپېلېلار جەنۇبىي ئافرىقا فېدېراتسىيىسى، زىمبابۋې ۋە بوتسۋانا قاتارلىق ئەللەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان. ئومۇمىي نوپۇسى 2 مىليوندىن كۆپرەك، ئۇنىڭ 1 مىليون 400 مىڭى زىمبابۋېدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، زىمبابۋې ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 17 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. نىدېپېلېلار نېگىر ئىرقىنىڭ بانتۇ تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمسى شەرقىي جەنۇبىي بانتۇ تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە نىدېپېلېلار تىلىنى قوللىنىدۇ. بۇ تىل زىمبابۋېدا ھۆكۈمەت تىلى ھېسابلىنىدۇ. نىدېپېلېلار ئانىمىزملىق ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان، ئاز بىر قىسمى خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. نىدېپېلېلار ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى چارۋىچىلىق ۋە دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، دېھقانچىلىقتا تاماكا، كۆممىقوناق، تېرىق، چاي، كېۋەز، خاسىڭ تېرىلىدۇ. نېدېپېلېلار جەمئىيىتى قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، قەبىلە ئاقساقاللىرى ئارقىلىق باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ھېلىمۇ ساقلاپ كەلگەن. قەبىلە نۇرغۇنلىغان چوڭ جەمەتتىن تەشكىل تاپقان، مال - مۈلۈككە ئاتا جەمەت نەسەب بويىچە ۋارىسلىق قىلىش يولغا قويۇلغان. نىدېپېلېلارنىڭ ئولتۇراق ئۆي، توي - تۆكۈن، كىيىم - كېچەك، قائىدە - يوسۇن قاتارلىق ئۆرپ - ئادەتلىرى شونالاردىن ئانچە پەرقلەنمەيدۇ. نىدېپېلېلار مايمۇن گۆشى، بېلىق گۆشىنى يېمەيدۇ، گۆش، تۇخۇم قاتارلىقلارنىڭ كۆپرەك تۇز سېلىپ، خام يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئادەتتە ئاياللارنى كالىغا يېقىنلاشتۇرمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر