UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرلىتۋىئانلار

لىتۋىئانلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر لىتۋىئانلار لىتۋا جۇمھۇرىيىتىدە ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، <لىتۋالىقلار> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 3 مىليون 330 مىڭدىن كۆپرەك، ئۇلارنىڭ 2 مىليون 750 مىڭى لىتۋا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، جۇمھۇرىيەت نوپۇسىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ، بىر قىسمى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىي رايونى، لاتۋىيە، بېلوروسىيە قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە تارقاق ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭدىن باشقا، پولشا، ئامېرىكا، كانادا، ئوراگۋاي، ئارگېنتىنا ۋە ئاۋىسترالىيە قاتارلىق ئەللەردىمۇ 500 مىڭدىن كۆپرەك لىتۋىئان بار. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ⅪⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى ⅩⅩ ئەسىرنىڭ بېشىدا شۇ جايلارغا كۆچۈپ بارغان مۇھاجىرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. لىتۋىئانلار ياۋروپا ئىرقىنىڭ بالتىق تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى لىتو - لىتۋا تىللىرى (بالتىق تىللىرى) گۇرۇپپىسىغا تەۋە لىتۋا تىلىنىڭ ئىككى خىل دىئالېكتىنى قوللىنىدۇ. لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى مىللىي يېزىقى بار. لىتۋىئانلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئاز بىر قىسمى پراۋۇسلاۋىيە دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. لىتۋىئانلار ئاساسەن يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، يېزا ئىگىلىكىدە بۇغداي، زىغىر، قىزىلچا قاتارلىق زىرائەتلەر تېرىلىدۇ، ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمى ئېلىكتىرون ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش سانائەت تارماقلىرىدا ئىشلەيدۇ. بەزى جايلىرىدا چارۋىچىلىق خېلى تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسەن سۈتلۈك، گۆشلۈك چارۋا بېقىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يەنە <ئات باقمىچىلىقى> بىلەن داڭقى بار. لىتۋىئانلارنىڭ ئەرلىرى كاناپ يىپتىن توقۇلغان ئۆرۈلمە ياقىلىق كۆڭلەك، ئاياللىرى ياقا ۋە يەڭلىرىگە كانۋاي تۇتقان كوپتا، قىزلىرى كوپتىنىڭ ئۈستىگە جىلىتكە قاپلاپ ئاستىغا يوپكا كېيىۋالىدۇ ھەمدە گۈللۈك پوتا (بەلباغ) باغلىۋالىدۇ. لىتۋىئانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ناخشا - قوشاق ئېيتىش بايرىمى بىلەن يازلىق كۈن - تۈن بايرىمى (21 - ياكى 22 - ئىيون كۈنى) دىن ئىبارەت. يازلىق كۈن - تۈن بايرىمى ئادەتتە ھەر يىلى 6 - ئايدا ئۆتكۈزىلىدىغان ئەڭ كاتتا بايرىمى بولۇپ، بۇ كۈنلىرى لىتۋادا كۈندۈز ئەڭ ئۇزۇن، كېچە قىسقا بولىدۇ، شۇڭا لىتۋىئانلار دېڭىز ساھىللىرىغا بېرىپ قۇياشقا سىمۋول قىلىنغان گۈلخان سېلىپ، گۈلخاننى چۆرىدەپ زوق - شوق بىلەن ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ ۋە ناخشا ئېيتىشىدۇ. لىتۋىئانلار كەشتىلىك پوتا (بەلباغ) نى ئىشىق - مۇھەببەت، دوستلۇق، بەخت - سائادەت ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ ئالاھىدە ئەتىۋارلايدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
لىتۋىئانلار | UyghurWiki | UyghurWiki