UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرچىلىلىقلار

چىلىلىقلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر (1) چىلىلىقلار چىلىدا ياشىغۇچى ئاساسلىق مىللەت بولۇپ، ئاھالىسىنىڭ 6.9 پىرسەنتى چىلىدا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقا. نوپۇسى تەخمىنەن 11 مىليون بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ 2.92 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئارگېنتىنا، ۋېنېسۇئېلا، كانادا، مېىسىكا، برازىلىيە، ئاۋىستىرالىيىدىمۇ بىر قىسىم چىلىلىق بار. ئومۇمىي نوپوۇسى 11 مىليون 400 مىڭدىن كۆپرەك. چىلىلىقلار شالغۇر ئىرققا كىرىدۇ؛ ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىسېتمىسى رومان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىسپان تىل - يېزىقىنى قوللىنىدۇ. چىلىلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى يېزا ئىگىلىك، ئورمانچىلىق، كانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە، بۇغداي، كۆممىقوناق، ئارپا، شال ۋە قىزىلچا ئۆستۈرىلىدۇ، بىر قىسمى كان مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. (2) چىلى ئاھالىسىنىڭ ئومۇمىي نامى. نوپۇسى 13 مىليون 416 مىڭ. ئاھالىسىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىى بىر قەدەر يۇقىر بولۇپ، 7 - 15 ياشقىچە ئۆسمۈرلەرگە قارىيا مەجبۇرى مائارىپ يولغا قويۇلغان. چىلىلىقلار ئاساسەن ئىسپان تىلىنى قوللىنىدۇ. ئىندىئانلار ئاند تىللىرى سىستېمىسى ئاراۋكان تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئاراۋكان تىلىنى قوللىنىدۇ. چىلىلىقلارنىڭ تەخمىنەن 25 پىرسەنتى كانلاردا ئىشلەيدۇ، 21 پىرسەنتى دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، قالغانلىرى، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق، ئورمانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. چىلىلىقلارنىڭ ئاساسلىق مىللىي ئەنئەنىۋى بايرىمى <18 - سىنتەبىر بايرىمى> بىلەن ئات بەيگىسى بايرىمى بولۇپ، <18 - سىنتەبىر بايرىمى> نى تەنتەنىلىك ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭغا زۇڭتۇڭدىن تارتىپ ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ھەممىسى قاتنىشىپ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەبرىكلىشىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېڭى يىل، كامىن مەريەمئانا بايرىمى، لەگلەك ئۇچۇرۇش بايرىمى قاتارلىق بايراملىرىمۇ بار. چىلىلىقلار ئەدەبلىك، مېھماندوسىت كېلىدۇ. چىلىلىقلار <كوبىۋېي> دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل قىزىل ياۋا گۈلسامساق تىپىدىكى ئۆسۈملۈك گۈلنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ دۆلەت گۈلى، دۆلەت بەلگىسى سۈپىتىدە چىلىنىڭ دۆلەت گىربىغا چۈشۈرۈلگەن. چىلىلىقلار يەنە بىر خىل تاغ لاچىنىنىمۇ مىللەتنىڭ سىمۋولى دەپ قاراپ، دۆلەت قۇشى سۈپىتىدە ئەتىۋارلايدۇ. چىلىلىقلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئىچىدە ئەڭ ئېسىلى - ئۆكۈزنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ تۇتۇش مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇ كۆپ ھاللاردا ھېيت - بايرام كۈنلىرى ئۆتكۈزىلىدۇ. چىلىلىقلار مول خەلق ئۇسسۇللىرىغا ئىگە مىللەت. ئۇنىڭ ئىچىدە <ساماكونكا ئۇسسۇلى> نىڭ داڭقى بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر