UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەركىچېلار

كىچېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر كىچېلار لاتىن ئامېرىكىسى ئىندىئانلىرىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، <مايا - كىچېلىرى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، كىچېلارنىڭ يېرىمى ئاساسەن گۇتېمالا جۇمھۇرىيىتىدە توپلىشپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى مېكسىكىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تەخمىنەن بىر مىليوندىن كۆپرەك. كىچېلار موڭغۇل ئىرقى ئامېرىكا تىپىغا كىرىدۇ، ئىندىئان تىللىرى سىستېمىسى مايا - سۇك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا تەۋە كىچې تىلىنى قوللىنىدۇ، يېزىقى بار. كىچېلارنىڭ كۆپىنچىسى كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، بىر قىسمى ھېلىمۇ كۆپ ئىلاھىلىك دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قالغان. كىچېلار ئاساسەن يىزا ئىگىلىكى، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. كىچېلار تاغ قاپتاللىرىغا كەپە قۇرۇپ، شۇ يەردە ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ - ئادەتلىرى مايالار بىلەن ئوخشىشپ كېتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
كىچېلار | UyghurWiki | UyghurWiki