UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرتۋېلار

تۋېلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر تۋېلار گۋىنىيە دېڭىزى بويى ئەتراپىدا ياشىغۇچى مىللەتلەرنىڭ گۇرۇھىدىن بىرى بولۇپ، ئاساسەن نىگېرىيىنىڭ غەربىدن كوتېدىۋانىڭ شەرقىگە بولغان ئىسسىق بەلباغ ئورمانزارلىق رايونىدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان، نوپۇسى تەخمىنەن 15 مىليون. تۋېلار نېگىر ئىرقىنىڭ سۇدان تىپىغا كىرىدۇ، نېگىر - كوردوفان تىللىرى سىستېمىسى نېگىر - كونگو تىلى گۇرۇپپىسى (تۋې تىلى گۇرۇپپىسى) غا تەۋە تۋې تىلىنى قوللىنىدۇ. تۋېلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلگەن، بىر قىسمى خرىستىئان دىنىنىڭ پروتېستانتىزم مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ. تۋېلار ئىسسسىق بەلباغ دېھقانچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تۋېلار ئاكان، ئىۋې، توگو، لاگۇن قەبىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ياۋروپالىقلار بۇ جايغا بېسىپ كىرىشتىن بۇرۇن، تۋېلار بىلەن ئاكانلار بىر نەچچە دۆلەت بەرپا قىلىپ، ئىگىلىكى خېلىلا راۋاجلانغان. تۋېلار ئولتۇراقلاشقان جايلار يېقىنقى زامان غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ قۇل ۋە ئالتۇن سودىسى رايونىغا ئايلانغان. تۋېلارنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئاكان ۋە لاگۇن قەبىلىلىرى ئانا جەمەت بويىچە نەسەپ ھېسابلاپ ۋارىسلىق تۈزۈمىنى يولغا قويغان، شەرقىي قىسمىدىكى تۋې، توگو قەبىلىلىرى ئاتا جەمەت بويىچە نەسەب ھېسابلاپ ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
تۋېلار | UyghurWiki | UyghurWiki