UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مىللەتلەرساكلار

ساكلار

دۇنيادىكى مىللەتلەر ساكلار <ساقالار>، <ساكالار>، <سېكىفلار>، <سەيلەر> دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇلار تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅷ ئەسىرلەردە ياۋروپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بەزى رايونلىرىدا يەنى كاسپىي دېڭىزدىن تارتىپ ئامۇ دەرياسى، سىر دەرياسى، تەڭرى تېغى ۋە ھىنگان تېغى باغرىلىرىغىچە بولغان كەڭ زېمىندا ياشىغان قەبىلە - قوۋملارنىڭ بىرى. ئۇلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅶ ئەسىردە جەنۇبىي روسىيە يايلىقى، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ياۋروپاغا، Ⅴ - Ⅵ ئەسىرلەردە ئىلى دەرياسى ۋادىلىرى، ئىسسقكۆل ئەتراپىغا كۆچۈپ كىرگەن ئۇلار ئۆز ئىچىدىن ئۇچلۇق قالپاقلىق ساكلار، سۇ بويى ساكلىرى، يايلاق ساكلىرى قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلارغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆپىنچىسى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ساكلار تىل جەھەتتە ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى شەرقىي ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسغا تەۋە ساك (سېكىف) تىلىنى قوللانغان، ساكلارنىڭ بىر قىسمى مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرلەردە پېرسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارام بولغان، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ - Ⅳ ئەسىرلەردە قەبىلىلەر ئىتتىپاقى تەشكىللەپ پېرسىيە ۋە ماكېدونىيە ئىمپېرىيسىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان، ئىلى ۋادىسىدىكى ساكلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىردە چوڭ توخرىلار (ياۋچىلار) نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بىر قىسمى جەنۇبقا قاراپ سىلجىپ، ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىغا يېتىپ كېلىپ، ھازىرقى كەشمىردە نەچچە بەگلىك دۆلەت قۇرغان؛ بىر قىسمى غەربىي جەنۇبقا قاراپ سىلجىپ، سوغدىيانا ۋە باكتىرىيىگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان؛ يەنە بىر قىسمى شەرققە قاراپ ئىچكىرلەپ كىرىپ، پارفىيە (ھازىرقى ئىراننىڭ سىستان ئۆلكىسى) گە بېرىپ، ساك دۆلىتىنى بەرپا قىلغان، بەزى قەبىلىلىرى تەڭرى تېغىنىڭ جەبۇبىي پامىر تاغلىق رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ ئۇدۇن، ئېركەشتام، جۇەندۇ، سۇلې (قەشقەر) قاتارلىق بەگىلىكلەرنى بەرپا قىلغان ھەمدە ساك ساكارائول، ئۇدۇن قاتارلىق جايلاردىكى يەرلىك مىللەت ۋە قوۋملارغا سىڭىشىپ كەتكەن، ساكلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا قازاق دالىلىرىدىكى سېكىفلار، ئۇسۇنلار، تۇخارلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئۇزاق ۋاقىت ئىران ۋە يۇنان مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان ھەمدە شەرق بىلەن غەرب ئوتتۇرسىدا ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، قاتناش - ئالاقە جەھەتتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ساكلار يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭدىكى يېقىنقى زامان مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھېلىمۇ قازاقلارنىڭ قىپچاق، ئارغىن قاتارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدە، چېرساك، بېساك، بورساك، كارساك قاتارلىق ئۇرۇقلارنىڭ نامى ساقلىنىپ كەلمەكتە، جۈملىدىن ئاففانىستان، پاكىستان، كەشمىر، ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىغا كىرگەن ساكلارمۇ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات داۋامىدا، يەرلىك قەبىلە - قوۋملارغا سىڭىپ، شۇ يەردىكى ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئېتنىك مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ساكلار تارىختا <ساك يىلنامىسى> دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كالېندارنى بەرپا قىلغان ۋە ئۇنى ۋاقىت ھېسابلاشقا قوللىنىپ كەلگەن، بۇ خىل كالېندار مىلادى 78 - يىلنى تۇنجى يىل قىلغان بولۇپ، بۇنى مىلادى Ⅰ - Ⅴ ئەسىرلەرگىچە، غەربىي جەنۇبىي ھىندىستان، نېپال، ھىندونېزىيە ۋە ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى بەزى مىللەتلەر كەڭ كۆلەمدە قوللانغان، ھىندىستانمۇ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، 1957 - يىلى 3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ساك يىلنامىسى ئاساسىدا، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن كالېندارنى تۈزۈپ چىقتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مىللەتلەر
ساكلار | UyghurWiki | UyghurWiki