UyghurWiki›دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر›گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
گېرمانىيە خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى ۋە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى
دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر
گېرمانىيىدىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە بىرلىككە كېلىشتىن ئىلگىرىكى فېدېراتىپ گېرمانىيىدىكى پارتىيىلەردۇر. ئاساسلىق پارتىيە - گۇرۇھلاردىن خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ھەمدە1980 - يىلى قۇرۇلغان يېشىل پارتىيە بار. ھازىر، خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى ۋە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىكتە ئون نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.
خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى، خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى گېرمانىيىدىكى ئاساسلىق پارتىيىلەردۇر. تەشكىلىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ئىككىسى مۇستەقىل پارتىيىلەر بولسىمۇ، ئەمما سىياسىي جەھەتتە ئۇلار زىچ ھەمكارلىشىدۇ، بىرلىككە كەلگەن سايلام رىقابىتى پروگراممىسى، بىردەك سايلام رىقابىتى پائالىيىتى بىرلىككە كەلگەن پارلامېنت پارتىيە تەشكىلاتى بار. مۇشۇ يىللاردا بىرلىكتە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ بىر پارتىيىگە ئوخشاپ قالغانلىقتىن، كىشىلەر «ئىتتىپاق پارتىيىسى» دەپ ئاتايدۇ.
خرىستىئان دېموكراتلار ئىتتىپاقى1945 - يىلى7 - ئايدا قۇرۇلغان،680 مىڭ ئەزاسى بار. چوڭ كارخانا خوجايىنلىرى، چوڭ پومېشچىكلار، بانكىرلار، رۇئېر مالىيە گۇرۇھى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق. خرىستىئان جەمئىيىتى ئىتتىپاقى1946 - يىلى1 - ئايدا قۇرۇلغان. ئۇنىڭ پائالىيىتى باۋارىيە شتاتى بىلەنلا چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ شتاتتا ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئۇنىڭ170 مىڭ ئەزاسى بولۇپ، سيېمېنس قاتارلىق چوڭ مالىيە گۇرۇھلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قويۇق. ئۇرۇشتىن كېيىن، گېرمانىيىگە ئەڭ ئۇزاق زۇڭلى بولغان ئاردېنا بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى ۋە قۇرغۇچىسى.
سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى1875 - يىلى گېرمانىيە ئىشچىلار ھەرىكىتىدىكى لاسسالچىلار بىلەن ئىزناخچىلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن، كېيىن گىتلېر تەرىپىدىن يوقىتىۋېتىلگەن.1945 - يىلى10 - ئايدا قايتىدىن قۇرۇلغان. ئاساسلىقى: ئىشچىلار، خىزمەتچىلەر، ئەمەلدارلار، ئەركىن كەسىپتىكىلەر ۋە ئائىلە ئاياللىرىدىن بولۇپ،900 مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار. بۇ پارتىيە كاپىتالىزمغا قارىتا «داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە تەدرىجىي ياخشىلاش» نى، «دېموكراتىك سوتسىيالىزم» نى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەركىن رىقابەتلىشىشنى، لېكىن يەنە بەلگىلىك «پىلان ۋە كونترول قىلىش» نىڭ بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ؛ سىرتقا قارىتا، غەربىي ياۋروپانىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ