UyghurWiki›دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر›ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى
ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى
دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر
ياپونىيە2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، فاشىستىك ئىستىبداتلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، كۆپ پارتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويغان. ھازىر ياپونىيىدە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، گۇڭمىڭ پارتىيىسى، دېموكراتىك سوتسىياللار پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە، تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن پارتىيىلەر بار. ئەمما، ئەڭ چوڭ پارتىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى بولۇپ، نەچچە ئون يىل جەريانىدا ئىزچىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە. سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ياپونىيىدىكى ئىككىنچى چوڭ پارتىيىدۇر.1955
- يىلى11 - ئايدا، ياپونىيىدىكى ئەركىنلىك پارتىيىسى بىلەن دېموكراتلار پارتىيىسى بىرلىشىپ، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى دەپ ئاتالدى. بۇ پارتىيە قۇرۇلۇپ1990 - يىلىغىچە بولغان35 يىل جەريانىدا، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى نەچچە يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن سىرت، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ياپونىيىدە ئىزچىل ھوقۇق تۇتۇپ كەلدى. ئۇنىڭ نەچچە مىليون پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە بەدەل پۇلى تاپشۇرسىمۇ، پارتىيە تەشكىلاتىغا قاتناشمىغان نەچچە يۈز مىڭ كىشى بار. ئۇنىڭ ئىچىدە بىرمۇنچە مەزھەپلەر بار، مەسىلەن، تاگېشىتا، مىيازاۋا، ئابې، ناكاسونې، كاۋاموتو، نىكايدۇ قاتارلىقلار. پارتىيىنىڭ باشلىقى «زۇڭسەي» دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى سايلايدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولۇپ، بىر قېتىملا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى ئىچكى جەھەتتە پارلامېنت دېموكراتىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كارخانىنىڭ ئەركىن تەرەققىي قىلىشىنى قوغداشنى، دۆلەت ئىگىلىكىگە قارشى تۇرۇپ، «پاراۋانلىق جەمئىيىتى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ تاشقى جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
سوتسىيالىستلار پارتىيىسى1945 - يىلى11 - ئايدا قۇرۇلغان. ئۇ ياپونىيىدىكى ھۆكۈمەت بېشىدا بولمىغان تۇنجى پارتىيە بولۇپ، ئاساسلىقى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە دېھقانلار ئۇيۇشمىسىدىكى پائالىيەتچىلەر، ئوتتۇرا - كىچىك كارخانا ئىگىلىرى ۋە زىيالىيلاردىن بولۇپ تەخمىنەن85 مىڭ ئەزاسى بار. ئۇ ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنى بىكار قىلىپ، ياپونىيىنىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كېڭەيتىشىگە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ جۇڭگو - ياپونىيە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئۇزاق مۇددەت تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش، ئەسكەر قىسقارتىش ھەرىكىتىنى قوللايدۇ.