UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەرھىندىستاننىڭ دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى

ھىندىستاننىڭ دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى

دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر ھىندىستاندىكى سىياسىي پارتىيىلەر ئوندىن كەم ئەمەس، يەنى ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى، خەلق پارتىيىسى، ھىندىستان خەلق پارتىيىسى، ئېزىلگۈچى ئىشچى - دېھقانلار پارتىيىسى، ھىندىستان كوممۇنىستىك پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەر بار. ئەڭ چوڭ پارتىيە ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى بولۇپ، ھىندىستان1947 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى40 نەچچە يىلدا، ئاساسەن مۇشۇ پارتىيە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ كەلدى. ھىندىستان دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى1885 - يىلى12 - ئايدا قۇرۇلغان. ھۆرمەتكە سازاۋەر «ماخاتما» دەپ ئاتالغان گەندى ھايات ۋاقتىدا ئىزچىل بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى بولۇپ كەلدى. ئۇ دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچىلىرى بىلەن «ھەمكارلاشماسلىق ھەرىكىتى» نى قانات يايدۇردى.1947 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستاننىڭ ئاتاقلىق سىياسىيونى نېھرو بۇ پارتىيىگە رەھبەرلىك قىلدى ھەمدە1964 - يىلى ۋاپات بولغانغا قەدەر ھىندىستاننىڭ زۇڭلىلىقىنى ئۆتىدى. كېيىن نېھرونىڭ قىزى ئىندېرا. گەندى دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسىنىڭ داھىيلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئۇزاق مۇددەت زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.1984 - يىلى10 - ئايدا، ئىندېرا. گەندې ئۆزىنىڭ شېك مىللىتىدىن بولغان مۇھاپىزەتچىسى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغلى راجىپ. گەندې بۇ پارتىيىنىڭ داھىيسى ھەمدە ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى بولدى (1989 - يىلى ۋەزىپىسىدىن بوشاندى).1991 - يىل5 - ئاينىڭ21 - كۈنى ئۇمۇ قەستكە ئۇچرىدى. دۆلەت كونگرېسى پارتىيىسى «مىللەتپەرۋەرلىك، سېكۇلارىزم، دېموكراتىزم، سوتسىيالىزم» دىن ئىبارەت تۆت پرىنسىپتا قەتئىي چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىچكى جەھەتتە، ئىتتىپاقلىق، بىرلىكنى، دىن مەزھەپلىرىنىڭ ئىناق بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە، «ئارىلاشما ئىگىلىك» ۋە «پىلانلىق ئىگىلىك» نى گەۋدىلىك ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. دىپلوماتىيە جەھەتتە، تىنچ بىللە تۇرۇش بەش پرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر