UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەرپەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە فاتاخ

پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە فاتاخ

دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى1964 - يىلى5 - ئايدا سەككىز تەشكىلاتنىڭ قاتنىشىشى بىلەن قۇرۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى پەلەستىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئەڭ چوڭى ھېسابلىنىدۇ. ئەرەب تىلىدىكى «پەلەستىن»، «ئازادلىق» ۋە «ھەرىكەت» تىن ئىبارەت بۇ ئۈچ سۆزنىڭ باش ھەرپى قوشۇلۇپ »فاتاخ« دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە «چاقماق»، «خەلق فرونتى»، «مىللىي قوغدىنىش فرونتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار بار. كۆپ يىللاردىن بېرى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىپ، دۇنيانىڭ كەڭ قوللىشى ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى يەنە دىپلوماتىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق يىغىنى ئېچىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىگىلىۋالغان زېمىنىدا قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇپ، پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىدى. پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە1988 - يىلىدىن باشلاپ، ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىندىكى پەلەستىنلىكلەر ئۈزۈلدۈرمەي قوراللىق قوزغىلاڭ ئېلىپ باردى.1988 - يىلى11 - ئايدا، پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، جۇڭگو قاتارلىق نەچچە ئون دۆلەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ياشىر ئەراپات باشتىن - ئاخىر پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلاندى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر
پەلەستىن ئازادلىق تەشكىلاتى ۋە فاتاخ | UyghurWiki | UyghurWiki