UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەرئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى

ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى

دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر ئەنگلىيىدە بەش ئاساسلىق پارتىيە بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چوڭ ئىككى پارتىيە − كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن ئىشچىلار پارتىيىسىدۇر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇ ئىككى پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ: ئۇ تەختكە چىقسا، بۇ ئۆكتىچى بولىدۇ، بۇ تەختكە چىقسا، ئۇ ئۆكتىچى بولىدۇ. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى1679 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇ ئەسلىدە بىر مونارخىستلار پارتىيىسى بولۇپ،1883 - يىلى ھازىرقى نامنى قوللانغان. يېڭى قۇرۇلغاندا، سىياسىي رەقىبلىرى ئۇنى «تورى» («ياۋۇز» دېگەن مەنىدە) دەپ تىللايتتى. شۇڭا، تورى پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى ھازىر يۈرگۈزۈۋاتقان كاپىتالىزم تۈزۈمىنى قوغداشنى، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، سىياسىي مەسىلىلەرنى پراگماتىزمچە شەكىلدە بىر تەرەپ قىلىشنى قۇۋۋەتلەپ، سوتسىيالىزمغا قارشى تۇرۇپ ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىلا ياقلىدى. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى كۆپ قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئۇرۇش مەزگىلىدە، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى بىلەن ئىشچىلار پارتىيىسى چېرچىل بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ئىككى پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ماگرېت. ساچىر ئۇدا12 يىل باش ۋەزىر بولغان.1990 - يىلى12 - ئايدا ئىستېپا بېرىپ، ۋەزىپە ئۆتىگەن ۋاقتى ئەڭ ئۇزاق بولۇش رېكورتىنى ياراتقان.20 - ئەسىرنىڭ80 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى تەخمىنەن2 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشچى پارتىيە ئەزالىرى ئومۇمىي پارتىيە ئەزالىرى سانىنىڭ تەخمىنەن %20 نى ئىگىلىگەن. ئىشچىلار پارتىيىسى1900 - يىلى قۇرۇلغان. ئەسلىي نامى ئىشچىلار ۋەكىللىرى كومىتېتى ئىدى.1906 - يىلىدىكى چوڭ سايلامدىن كېيىن، ئىشچىلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن. سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ئىنتېرناتسىئونالنىڭ باشلامچىسى ۋە مۇھىم ئەزاسى، بۇرژۇئازىيە بىلەن سىنىپىي ھەمكارلىق سىياسىتىنى ئاشكارا يولغا قويغۇچى. شەكىل جەھەتتە سوتسىيالىزمغا ئېتىقاد قىلىدۇ، ئەمما سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە »جانلىقلىق« قا ئەھمىيەت بېرىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىقتىسادقا ئارىلىشىشىنى كېڭەيتىپ، مۇھىم كارخانىلارنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈپ، جامائەت راسخوتىنى ئاشۇرۇپ، پۇقرالارنى ئەڭ تولۇق ئىجتىمائىي پاراۋانلىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى: ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىكى كوللېكتىپ پارتىيە ئەزالىرىدۇر.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر