UyghurWiki›دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر›جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارتىيىسى ۋە ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيى
جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارتىيىسى ۋە ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيى
دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر
جەنۇبىي ئافرىقا خەلق پارتىيىسى1914 - يىلى7 - ئايدا قۇرۇلغان، ئۇ بىر ئەسىر ئىلگىرى بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەن گوللاندىيىلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرى، قورۇق ئىگىلىرى ۋە كاپىتالىستلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.1948 - يىلىدىن1994 - يىلىغىچە ئىزچىل ھالدا »ئاق تەنلىكلەر ئەلا« دېگەننى يولغا قويۇپ، مىللىي كەمسىتىش ۋە مىللىي ئايرىمىچىلىقتىن ئىبارەت ئەكسىيەتچىل سىياسەتنى يۈرگۈزۈپ، نوپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان قارا تەنلىكلەر ۋە رەڭلىك ئىرقلارنىڭ بارلىق سىياسىي ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلغان. ھەر يىلى يۈزلەپ، مىڭلاپ قارا تەنلىكلەرنى ئۆلتۈرگەن، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن قارا تەنلىكلەرنى قامىغان. شۇڭلاشقا، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر بۇ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن،1989 - يىلىنىڭ ئاخىرى،1990 - يىلىنىڭ بېشىدا دېكرىك ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ، خەلق پارتىيىسىنىڭ داھىيسى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭى بولغاندا،27 يىل قاماقتا ياتقان جەنۇبىي ئافرىقا قارا تەنلىكلەرنىڭ داھىيسى ماندېلانى ھەمدە باشقا بەزى قارا تەنلىكلەرنىڭ پائالىيەتچىلىرىنى قويۇپ بەردى.1994 - يىلى5 - ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىم كۆپ مىللەت قاتناشقان چوڭ سايلامدا، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق تۈزۈمى بىكار قىلىندى.
جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيىنىڭ تەكتى1912 - يىلى قۇرۇلغان «جەنۇبىي ئافرىقا يەرلىك مىللىي قۇرۇلتىيى» بولۇپ،1925 - يىلى مەملىكەت خاراكتېرلىك تەشكىلاتقا كېڭەيتىلىپ، ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. ئۇنىڭ سىياسىي پروگراممىسى − جەنۇبىي ئافرىقا خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، غەيرىي زورلۇق كۈچ بىلەن ئىرقىي كەمسىتىش ۋە ئىرقىي ئايرىمىچىلىققا قارشى تۇرۇپ، «بىرلىككە كەلگەن دېموكراتىك جەنۇبىي ئافرىقا» قۇرۇش.1955 - يىلى ئۇ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى باشقا مىللەتپەرۋەر تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى يوھاننىسبۇرگتا جەنۇبىي ئافرىقا خەلق ۋەكىللىرى قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈپ «ئەركىنلىك نىزامنامىسى» نى ماقۇللاپ، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر بولۇش، ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان.1960 - يىلى، جەنۇبىي ئافرىقا ئاق تەنلىكلەر ھاكىمىيىتى ئافرىقىلىقلار مىللىي قۇرۇلتىيىنى «قانۇنسىز» دەپ جاكارلاپ، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان. بۇ پارتىيە شۇنىڭدىن باشلاپ ئاساسىي كۈچىنى چەت ئەلگە يۆتكەپ، غەيرىي زورلۇق كۈچتىن قوراللىق كۈرەشنى قانات يايدۇرۇشقا يۈزلەنگەن.1994
- يىلى5 - ئايدا، كۆپ مىللەتلىك چوڭ سايلام ئارقىلىق قارا تەنلىكلەر ھەرىكىتىنىڭ داھىيسى ماندېلا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان.