ئىسرائىلىيىدىكى لىكود گۇرۇھى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى
دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر
لىكود گۇرۇھى ۋە ئىشچىلار پارتىيىسى ئىسرائىلىيىدىكى ئىككى چوڭ سىياسىي پارتىيە.1947 - يىلى ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئىككى پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى ياكى بىرلىكتە مىنىستىرلار كابىنېتىنى تەشكىللىدى.
لىكود گۇرۇھى، يەنى «ئىسرائىلىيە مەملىكەتلىك ئەركىنلىك ئىتتىپاقى» 1973 - يىلى9 - ئايدا، يەھۇدىي قىساسچىلىرىنىڭ جاھار گۇرۇھى، ئەركىنلىك مەركىزى، دۆلەت پارتىيىسى، خەلق پارتىيىسىدىن ئىبارەت تۆت كىچىك پارتىيە - گۇرۇھنىڭ قوشۇلۇشىدىن تەشكىللەنگەن. «لىكود» − ئىبراي يېزىقىدىكى «ئىتتىپاق» ياكى «بىرلىك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. بۇ پارتىيە خۇسۇسىي كاپىتالنىڭ ئەركىن رىقابەتلىشىشىنى، «ئەركىن، ئادىل ۋە نامراتلىق تۈگىتىلگەن» جەمئىيەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ تەشكىلات1977 - يىلىدىكى چوڭ سايلامدا، ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن بىرىنچى چوڭ پارتىيە بولۇپ قالدى ھەم ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى.
ئىشچىلار پارتىيىسى ئىسرائىلىيىدىكى يەنە بىر چوڭ پارتىيە. ئۇ1930 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، تەخمىنەن300 مىڭ ئەزاسى بار. بۇ پارتىيە1949 - يىلىدىن1977 - يىلىغىچە ئىسرائىلىيىدە ئىزچىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن. شۇ ۋاقىتتىكى زۇڭلى مايور خانىم ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى ئىدى.1984 - يىلىدىن باشلاپ لىكود گۇرۇھى بىلەن بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. بۇ پارتىيە «غەرب سوتسىيالىزمى» نى، خۇسۇسىي ئىگىلىك ۋە ھەمكارلىق ئىگىلىكى ئاساس قىلىنغان پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويۇشنى، خۇسۇسىي كاپىتالنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ