UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەرئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى

دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر 19 - ئەسىرنىڭ70 - يىللىرى، ئامېرىكىنىڭ ھەجۋىي رەسىمچىسى ناسېت بىر ژۇرنالدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامېرىكىنىڭ دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى پارچە ھەجۋىي رەسىم ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ بىرى، ئېشەك؛ يەنە بىرى، پىل. شۇنىڭدىن تارتىپ دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى زادىلا ياقتۇرمايدىغان ئۇزۇن قۇلاق ئېشەك بىلەن ئۇزۇن خارتۇملۇق پىلدىن بىزار بولماستىن، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە بەلگىسى قىلىۋالغان. ئامېرىكىدا ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، غەلىبە قىلغانلار ئاقساراينىڭ خوجايىنى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەمۇرىيەت ھوقۇقىنى ئىگىلەيدۇ. يۈزنەچچە يىلدىن بۇيان، بۇ ئىككى پارتىيە سايلام ئارقىلىق نۆۋەتلىشىپ دۆلەت سوراپ كەلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى1854 - يىلى قۇرۇلغان. ئۇنىڭ تەكتى دېموكراتلار پارتىيىسى بىلەن ئوخشاشلا دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى ئىدى، كېيىن بۆلۈنۈپ ئىككى پارتىيە بولغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ مۇقىم سىياسىي پروگراممىسى يوق. پەقەت سايلام مەزگىلىدىكى سايلام رىقابەت پروگراممىسى بار، ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى بىلەن دائىمىي كومىتېت بولۇپ، ئاساسەن زۇڭتۇڭ سايلىمىنى ئۈستىگە ئالغان. زۇڭتۇڭ سايلىمى ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەچكە، ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىمۇ تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ. ھەرقايسى شتاتلاردا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ شتاتلىق كومىتېتى بار، ئۇنىڭ ئاستىدا ۋىلايەتلىك، شەھەرلىك، بازارلىق كومىتېتلار بار. بىراق يۇقىرى بىلەن تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا رەھبەرلىك مۇناسىۋىتى يوق. بۇ كومىتېتلارنىڭ ھەممىسى بېلەت تاشلىغۇچىلارنى ئۆزىگە تارتىپ سايلام ئېلىپ بارىدۇ. بۇ پارتىيىنىڭ مۇقىم پارتىيە ئەزاسى يوق، كىم ئۇنىڭغا بېلەت تاشلىسا، شۇنى ئۆزىنىڭ ئەزاسى دەپ قارايدۇ. ھېچقانداق رەسمىيەت بېجىرمەيدۇ، پارتىيە بەدەل پۇلىمۇ تاپشۇرمايدۇ. پارتىيە بەدەل پۇلىنى چوڭ كاپىتالىستلار تەمىنلەيدۇ. دېموكراتلار پارتىيىسى1828 - يىلى قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى نامى دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت پارتىيىسى ئىدى. كېيىن بىر قىسمى بۆلۈنۈپ چىقىپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، نامىنى دېموكراتلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتكەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى پارتىيىنىڭ ھېچقانچە چوڭ پەرقى يوق. دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭمۇ پارتىيە پروگراممىسى يوق، پەقەت سايلام رىقابىتى ۋاقتىدىكى پروگراممىسىلا بار. ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئاساسلىق ئىشى سايلام رىقابىتىدە دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ پارتىيىگە قاتنىشىش ئۈچۈنمۇ ھېچقانداق رەسمىيەت كەتمەيدۇ، پارتىيە ئەزالىرىمۇ پارتىيىلىكىنى داۋاملىق ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ، بۈگۈن بۇ پارتىيىگە بېلەت تاشلاپ، بۇ پارتىيىگە ئەزا بولسا، ئەتە ئۇ پارتىيىگە بېلەت تاشلاپ، ئۇ پارتىيىنىڭ ئەزاسى بولۇۋېرىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر