ئىتالىيە كاتولىك دىنى دېموكراتلار پارتىيىسى
دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر
ئىتالىيە كۆپ پارتىيىلىك دۆلەت، ئىتالىيىدە ئاساسەن كاتولىك دىنى دېموكراتلار پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى، لىبېرالىستلار پارتىيىسى، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسى قاتارلىق پارتىيىلەر بار. سىياسىي پارتىيىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئىتالىيە ھۆكۈمىتى توختىماي ئالمىشىپ تۇرىدۇ،1945 - يىلىدىن1993 - يىلىغىچە50 نەچچە قېتىم نۆۋەت ئالماشقان. ئەمما، ھۆكۈمەت قانداقلا ئالماشمىسۇن، ئەزاسى ئەڭ كۆپ ئىتالىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى تا ھازىرغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ باقمىدى، ئەمما، خرىستىئان دىنى دېموكراتلار پارتىيىسى يىقىلماس قورچاقتەك، ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى ۋە مۇھىم مىنىستىرلىكلەرنىڭ ۋەزىپىلىرىنى مۇشۇ پارتىيىنىڭ ئەزالىرى ئۆتەپ كەلدى.
خرىستىئان دىنى دېموكراتلار پارتىيىسى1918 - يىلى قۇرۇلغان، ئۇنىڭ تەكتى خەلق پارتىيىسى بولۇپ،1926 - يىلى ئۇنىڭ ئورنىنى فاشىستىك ھاكىمىيەت ئىگىلىدى.1943 - يىل7 - ئاينىڭ25 - كۈنى مۇسسولىنى فاشىستىك ھاكىمىيىتى غۇلىتىلغاندا، ئەسلىدىكى خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى خرىستىئان دىنى دېموكراتلار پارتىيىسىنى قۇردى. بۇ پارتىيە ئىچكى جەھەتتە خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە بازار ئىگىلىكىنى ساقلاش، ئەركىن كارخانىلارنى قوغداش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، كومپارتىيىنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشنى؛ تاشقى جەھەتتە ئىتالىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىدە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ تەشەببۇس ناھايىتى زور كۈچكە ئىگە دىنىي جەمئىيەتنىڭ مەنپەئىتىگە ماس كېلىدۇ، مانا بۇ، بۇ پارتىيىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر.