UyghurWiki›دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر›فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى
فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى
دۇنيادىكى مەشھۇر پارتىيىلەر
فرانسىيىدە جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى، فرانسىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، كوممۇنىستىك پارتىيە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى قاتارلىق نۇرغۇن پارتىيە بار. فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىتالىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن كېيىنلا تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ باقمىغان. ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن.
فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ تەكتى1905 - يىلى قۇرۇلغان ئىشچىلار ئىنتېرناتسىئونالى فرانسىيە ياچېيكىسى ئىدى. كېيىن بۆلۈنۈش يۈز بېرىپ، كۆپ سانلىق پارتىيە ئەزاسى پارتىيىدىن چېكىنىپ چىقىپ، فرانسىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى قۇرغان، ئاز قىسمى ئىلگىرىكى نامىنى ساقلاپ قالغان،1969 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىگە ئۆزگەرتىلگەن.1971 - يىلى مېتراننىڭ «جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسى كېڭەشمىسى» ھەم باشقا سول قاناتلار پارتىيىگە قوبۇل قىلىنىپ، يەنىلا سوتسىيالىستلار پارتىيىسى دەپ ئاتالغان. پارتىيە ئەزاسى تەخمىنەن210 مىڭ كىشى، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى خىزمەتچىلەر، ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى، فرانسۇزلار ۋە ئىنژېنېرلار. بۇ پارتىيە ئىچكى قىسمىدا، دۆلەت مۈلۈكچىلىكىنى ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە پىلانلىق ئىگىلىكنى يولغا قويۇش، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. سىرتقا قارىتا، فرانسىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغداش، زومىگەرلىككە قارشى تۇرۇش، ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىنى قوللاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.1981 - يىلىدىن بېرى، سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى مېتران ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغانلىقتىن، بۇ پارتىيە فرانسىيىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيە بولۇپ قالدى.
جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى دې گول پارتىيىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ دې گول قۇرغان «فرانسىيە خەلق ئىتتىپاقى» دىن كەلگەن بولۇپ،1976 - يىلى ھازىرقى نامغا ئۆزگەرتىلگەن. بۇ پارتىيىنىڭ ئەزاسى800 مىڭدىن ئارتۇق بولۇپ، كۆپ قىسمى خىزمەتچىلەر، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئەركىن كەسىپتىكىلەر، سودىگەرلەر، ئىشچىلار ۋە دېھقانلاردىن ئىبارەت.1958 - يىلىدىن1981 - يىلىغىچە، فرانسىيىدە كۆپ قېتىم ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن فرانسىيە زۇڭتۇڭى دې گول بىلەن پومپىدلار جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقىنىڭ ئەزالىرىدىن ئىدى. كېيىن پارتىيىنىڭ رەئىسى شېراك فرانسىيىنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ تەشكىلات بەشىنچى جۇمھۇرىيەت تۈزۈلمىسىنى قوغداش بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققاچقا، ئۇ جۇمھۇرىيەت قوغدىنىش ئىتتىپاقى دەپ ئاتالغان. ئۇ ئىگىلىكنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادقا »ھەددىدىن ئارتۇق« ئارىلىشىۋېلىشىغا، دۆلەت ئىگىلىكىگە قارشى تۇرىدۇ. سىرتقا قارىتا، مىللىي مۇستەقىللىقنى قوغدايدۇ، غەربىي ياۋروپانىڭ بىرلىشىشىنى قوللاشنى، پەسەيتىش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.