UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلارھايدن

ھايدن

دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار ھايدن (1732 −1809 ) ئاۋسترىيىلىك مەشھۇر كومپوزىتور. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە104 پارچە سىمفونىيە ئىجاد قىلغان ھەمدە سىمفونىيىنى تۆت بابقا مۇقىملاپ ھازىرقى زامان سىمفونىيىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس ياراتقان. بۇنىڭ ئۈچۈن «سىمفونىيە ئاتىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن يەنە «ئەسىر يارىتىش» ۋە «تۆت پەسىل» قاتارلىق ئوراتورىئولار بار. ھايدننىڭ ئائىلىسى نامرات ئىدى. ئاتىسى ھارۋا چاقى ياسايتتى، ئانىسى ئاشپەز ئىدى، لېكىن ئۇلار مۇزىكىنى تولىمۇ سۆيەتتى. ھايدن بالىلىق چېغىدىن تارتىپلا ئائىلىسىدە مۇزىكا تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان. ئالتە يېشىدا ھېينبۇرگېر چېركاۋىنىڭ خورچىلىرى ئارىسىدا بالا ناخشىچى بولغان ھەمدە پىئانىنو، ئىسكىرىپكا ئۆگىنىشنى باشلىغان.29 يېشىدا ئۇنى شاھزادە ئىستېر ھېيگى مۇزىكانتلار باشلىقى بولۇشقا تەكلىپ قىلغان. كېيىنچە، ھايدن ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدە ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغان. بۇ جەرياندا ئۆزى ئىجاد قىلغان12 سىمفونىيىنى (كېيىنكىلەر ئۇنى «لوندون سىمفونىيىلىرى» دەپ ئاتىغان) ئورۇنداپ ئوكسفورد ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مۇزىكا پروفېسسورى دېگەن نامغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ نامى پۈتكۈل ياۋروپاغا تارقالغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
ھايدن | UyghurWiki | UyghurWiki