شيەن شىڭخەي
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
شيەن شىڭخەي ئۆز ئۆمرىدە نۇرغۇن ئىنقىلابىي ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ خەلق كومپوزىتورى دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان. ئۇنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەھرىمانلىق غەيرەت - شىجائىتىنى ئىپادىلىگەن «خۇاڭخې چوڭ خورى» ئاجايىپ داڭق قازانغان.
شيەن شىڭخەي (1905 −1945 ) گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ پەنيۇ ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئاۋمېندا نامرات دېڭىزچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ تۇغۇلۇشتىن بۇرۇن دادىسى ۋاپات بولغان، شيەن شىڭخەي ئاپىسى بىلەن بىللە مالايا تاقىم ئاراللىرىغا كەتكەن.14 يېشىدا گۇاڭجۇغا قايتىپ كېلىپ، لىڭنەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن،20 يېشىدا ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، خەت باسقۇچى، ئىشچىلار كەچ كۇرسىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن،22 يېشىدا بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەخسۇس مۇزىكا ئۆگىنىش ئورنى ھەمدە دۆلەتلىك سەنئەت تېخنىكومىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان، كېيىنچە شاڭخەي دۆلەتلىك مۇزىكا تېخنىكومىنىڭ ئىسكىرىپكا ۋە پىئانىنو كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىرگەن بولسىمۇ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقى تۈپەيلى بۇيرۇق بىلەن ئوقۇشتىن چېكىندۈرۈلگەن.1930 - يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىگە بېرىپ تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئاتاقلىق ئىسكىرىپكىچى پاگنى ئاۋبېدوفىل، ئاتاقلىق كومپوزىتور پائۇل دۇكاسنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن.1935
- يىلى شيەن شىڭخەي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىگە پائال قاتناشقان، نۇرغۇن جەڭگىۋار ئاممىۋى ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان، ئىلغار پىكىرلىك كىنو، درامىلارنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن.1938 - يىلى يەنئەنگە بېرىپ، لۇشۈن نامىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان،1940 - يىلى موسكۋاغا بېرىپ ئوقۇغان ۋە خىزمەت قىلغان،1945 - يىلى موسكۋادا ۋاپات بولغان.
شيەن شىڭخەي جەمئىي500 دىن ئارتۇق ئاممىۋى ناخشا، ئالتە خور، ئىككى سىمفونىيە، بىر ئوپېرا، نۇرغۇن خانا مۇزىكىسى ھەمدە يالغۇز ناخشىلارنى ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ مەشھۇر ئاممىۋى ناخشىلىرى «ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش ئارمىيىسى ناخشىسى»، «پارتىزانلار ناخشىسى»، «تەيخاڭشەن تېغىدا»، «دۈشمەن ئارقا سېپىگە بارايلى» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەڭ نادىر ئەسىرى − «خۇاڭخې چوڭ خورى» دا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېگىلمەس - سۇنماس كۈرەش ئىرادىسىگە مەدھىيە ئوقۇلغان، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قەھرىمانلىق غەيرەت - شىجائىتى ھەمدە مۇقەررەر غەلىبىگە بولغان ئىشەنچى ئىپادىلەنگەن. شيەن شىڭخەي چوڭ تىپتىكى ئىنسترومىنتاللىق مۇزىكىلاردىن «مىللىي ئازادلىق سىمفونىيىسى» ۋە «جۇڭگو راپسودىيىسى» قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلغان.