شوپىن
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
شوپىن (1810 −1849 ) پولشالىق ئۇلۇغ كومپوزىتور، پىئانىنو چالغۇچى. ئۇ ئانىسىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى كىچىكىدىن باشلاپلا پولەك خەلق مۇزىكىلىرى بىلەن پىششىق تونۇشقان ۋە ئۇلارنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىغان. ئالتە يېشىدىن باشلاپ پىئانىنو، يەتتە يېشىدىن باشلاپ ئاھاڭ ئىجاد قىلىشنى ئۆگەنگەن، سەككىز يېشىدا مۇزىكا يىغىلىشلىرىدا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويغان.16 يېشىدا ۋارشاۋا مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا ئىجادىيەت سىنىپىغا ئوقۇشقا كىرگەن،20 ياشقا يەتمەي تۇرۇپلا ۋارشاۋا بويىچە داڭلىق پىئانىنو چالغۇچى ۋە كومپوزىتور بولۇپ قالغان.1830
- يىلى شوپىن فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژغا بېرىپ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر كومپوزىتورلاردىن بېرلىئوز، لىزت قاتارلىقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋەت ئورناتقان. ئۇ بۇ مەزگىلدە پىئانىنو چېلىش ياكى مۇزىكا ئىجادىيىتى جەھەتتە بولسۇن، ھەيران قالارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. شوپىننىڭ نۇرغۇن نادىر مۇزىكىلىرى مانا شۇ چاغدا يېزىلغان. شوپىن پارىژدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە ئۇنىڭ ۋەتىنى پولشا چارروسىيىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچرىغان. شۇڭا، ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى نۇرغۇن ئەسەرلىرىدە تاجاۋۇز قىلىنغان يۇرت - ماكاننى ياد ئېتىش، مىللىي مۇستەقىللىققا تەشنا بولۇش، دۆلەت ۋە خەلقنىڭ غېمىنى يېيىشتەك ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئىستەكلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يۇرتنى ئەسلەش، مۇنقەرزلىكتىن نەپرەتلىنىش ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ھەمىشە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. چارروسىيە ئۇنىڭغا «چارروسىيە پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ1 - نومۇرلۇق پىئانىنوچىسى» مەرتىۋىسىنى ئىنئام قىلغاندا، شوپىن قەتئىي رەت قىلىپ ۋەتەنپەرۋەر سەنئەتكارغا خاس ئالىيجاناب خىسلىتى ھەمدە مىللىي روھىنى ئىپادىلىگەن.1849 - يىلى شوپىن كېسەللىك سەۋەبىدىن پارىژدا ۋاپات بولغان. ئۇ جان ئۈزۈشتىن ئىلگىرى ساپ قەلبىنى تەسەللى تاپتۇرۇش ئۈچۈن يۈرىكىنى پولشاغا ئېلىپ كېتىش ھەققىدە يېقىن دوستلىرىغا ۋەسىيەت قىلغان.
شوپىننىڭ ئىجادىيىتىدە پىئانىنو مۇزىكىلىرى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن تاشقىرى، تۈرلۈك ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى، فانتازىيە، باللادا، يۇمۇرلۇق مۇزىكا، كىرىش مۇزىكىسى، مەشىق ئاھاڭلىرى، سوناتا قاتارلىقلارنىمۇ يازغان. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى روشەن خاراكتېر ھەمدە ئۆزىگە خاس رومانتىك - لىرىك ئۇسلۇبقا، ھېسسىياتلىق، سەلتەنەتلىك ۋە ھەيۋەتلىك مېلودىيىگە، شۇنداقلا مول ۋە رەڭگارەڭ گارمونىيىگە ئىگە بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋروپا رومانتىزم مۇزىكىسىغا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ھۆسن قوشقان. دەل شۇ ۋەجدىن، شوپىن «رومانتىزملىق پىئانىنو شائىرى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولغان.
پولشا بۇ ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەر كومپوزىتورنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن1927 - يىلىدىن ئېتىبارەن ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم «خەلقئارا شوپىن پىئانىنو ئەسەرلىرى مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈپ كەلمەكتە. بۇ خەلقئارادا سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى، تەسىرى ئەڭ زور پىئانىنو مۇسابىقىلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.