UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلارنيې ئېر

نيې ئېر

دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار بىز ھەر قېتىم ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرىنى ئېيتقان چېغىمىزدا ناخشىنىڭ كومپوزىتورى، دەۋر كۈيچىسى نيې ئېرنى ئەسلەيمىز. نيې ئېر (1912 −1935 ) نىڭ ئەسلىي ئىسمى نيې شوشىن، ئۇ يۈننەننىڭ يۈشى دېگەن يېرىدىن بولۇپ، كۇنمىڭدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن تارتىپلا گۈللۈك پانۇس، يۈننەن تىياتىرى قاتارلىق خەلق مۇزىكىلىرى ۋە ئەلنەغمىلەرگە ئىشتىياق باغلاپ، كۆپ خىل مىللىي چالغۇلارنى چېلىشنى ئۆگەنگەن. بۈيۈك ئىنقىلاب دەۋرىدە ئىلغار ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان، ئىلغار مەزمۇندىكى تۈرلۈك ژۇرناللارنى ئوقۇغان،1930 - يىلى شاڭخەيگە بېرىپ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى «شاڭخەي جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش بۈيۈك ئىتتىپاقى» غا قاتناشقان،1933 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ، سولقانات ئىلغار پىكىرلىك كىنو، دراما، سەھنە ئەسەرلىرىگە مۇزىكا ئىشلىگەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، كىشىلەر قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن ئىنقىلابىي ناخشىلارنىمۇ يازغان. ئۇلار: «پىدائىيلار مارشى»، «ئالغا بېسىش ناخشىسى»، «يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتلار»، «داغدام يول ناخشىسى»، «پرىستان ئىشچىلىرى ناخشىسى»، «ئوقۇش پۈتتۈرۈش ناخشىسى»، «يېڭى ئاياللار»، «گېزىت سېتىش ناخشىسى» قاتارلىق ناخشىلار ھەمدە «ئالتۇن يىلان ئۇسسۇلى»، «سۇيخۇ كۆلىگە باھار كەلدى» قاتارلىق مىللىي چالغۇ مۇزىكىلىرىدىن ئىبارەت. نيې ئېر ئېلىمىزدە ئىشچىلار سىنىپىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق ۋە تەۋرەنمەس ئىشەنچ بىلەن كۈيلىگەن تۇنجى كومپوزىتور، شۇنداقلا ئىنقىلاب ئەڭ ئېھتىياجلىق مەزگىلدە دەۋرنىڭ ئەڭ جاراڭلىق ساداسىنى ياڭراتقان كۈيچى.1935 - يىلى نيې ئېر ياپونىيىگە بارغان ھەمدە ياۋروپا ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئوقۇماقچى بولغان. شۇغىنىسى، سۇ ئۈزۈۋاتقاندا بەختكە قارشى دېڭىزغا غەرق بولۇپ قازا تاپقان.1949 - يىلى ئۇنىڭ «پىدائىيلار مارشى» ناملىق ئەسىرى يېڭى جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرى قىلىپ بەلگىلەنگەن.1978 - يىلى5 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ1 - يىغىنىدا دۆلەت شېئىرى قىلىپ رەسمىي بېكىتىلگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
نيې ئېر | UyghurWiki | UyghurWiki