«ۋولگا بۇرلاكلىرى ناخشىسى»
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
بۇ − دۇنياغا مەشھۇر ناخشا. ئۇنىڭدا كونا روسىيە زامانىدىكى ۋولگا دەرياسى ئېقىمىدا كېمە سۆرىگۈچىلەرنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە، باستۇرۇش ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەسلىي ناخشا تېكىستىدىكى چار پادىشاھنىڭ مۇستەبىت تۈزۈمىگە قارشى مەزمۇنلار يوشۇرۇن مەنە بىلەن ئەگىتىپ ئىپادىلەنگەن.
ناخشىنىڭ تېكىستى مۇنداق: «ھەمۇھە...، ھەمۇھە...، ئارقاننى تەڭ تارتايلى! ھەمۇھە...، ھەمۇھە...، كۈچنى كۈچكە ئۇلايلى! ئالەمدىكى تەڭسىز يول، بۈك ئورماننى باسايلى!»
ناخشىنىڭ بېشىدا ئېغىر ھەمدە يوشۇرۇن كۈچ ئىپادىلەنگەن ئەمگەك ناخشىسى پەس ئاۋاز بىلەن ئېيتىلىدۇ. ئارقىدىنلا مېلودىيە يۇقىرىغا مېڭىپ كۈچ مىقدارى زورىيىش ئارقىلىق ناخشا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلىدۇ. مانا بۇ ۋولگا دەرياسىغا ئوقۇلغان قەسىدە، خەلقنىڭ كۈچ - قۇدرىتىگە بولغان مەدھىيە. ئاخىرىدا ناخشا ئاۋازى پەسىيىپ، بۇرلاكلارنىڭ بارا - بارا يىراقلاپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ ناخشا كېنېماننىڭ پىئانىنو تەڭكەش يېزىشى، ئەرلەر تۆۋەن ئاۋازلىق ناخشىچى شالياپىننىڭ ئورۇندىشى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭقۇر ئىپادىلىنىپ دۇنياغا كەڭ تارقالغان. ئۇ ھەرقانداق دۆلەتتىكى تۆۋەن ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىلار چوقۇم ئېيتىشقا تېگىشلىك ناخشا ھېسابلىنىدۇ.