«ئىنتېرناتسىئونال»
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
«ئىنتېرناتسىئونال» پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ناخشىسى.1871 - يىل5 - ئاينىڭ28 - كۈنى، ئەكسىيەتچى قوشۇن فرانسىيە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ ئاخىرقى ئىستىھكامىنى بۆسۈپ ئۆتتى، ئىنقىلاب مەغلۇپ بولدى. لېكىن، پرولېتارىيات ھەرگىزمۇ تىز پۈكمىدى. كوممۇنىنىڭ باتۇر جەڭچىسى، شائىر پوتىئېر تېكىست يېزىپ، ئىشچى، ئىشتىن سىرتقى كومپوزىتور دېگېيتىر مۇزىكا ئىشلەپ، «ئىنتېرناتسىئونال» نىڭ ئىجادىيىتىنى تاماملىدى.1887 - يىل7 - ئايدا لىلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىشچىلار يىغىلىشىدا بۇ ناخشا تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئەتراپقا تارقالدى. كىشىلەر «ئىنتېرناتسىئونال» نى ئېيتقىنىچە ئىنقىلابقا ئاتلاندى.
لېنىن «ئىنتېرناتسىئونال» نى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى. ماقالە ۋە نۇتۇقلىرىدا ھەمىشە ئۇنىڭ تېكستىدىن نەقىل كەلتۈرەتتى، «ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش بۇ» مىسراسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنقىلاب ئىدىيىسىنى پرولېتارىيات قوشۇنىغا سىڭدۈرگەنىدى. ئېلىمىزدە نۇرغۇن ئىنقىلابچىلار «ئىنتېرناتسىئونال» نى ياڭرىتىپ ئۆلۈمگە قارشى ماڭغان! كومپارتىيە ئەزالىرى قەسەم بەرگەندىمۇ ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك «ئىنتېرناتسىئونال» نى ياڭراتقان. ھازىر «ئىنتېرناتسىئونال» پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ ناخشىسىغا ئايلاندى. ئۇ پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرىنىڭ كونا جەمئىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دۇنيا قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ كەلمەكتە.
«ئىنتېرناتسىئونال» نىڭ1 - كۇپلېتى مۇنداق ئورۇندىلىدۇ: «قوزغال، ئاچ ھەم يالىڭاچ قۇللار، قوزغال، پۈتكۈل خارلانغان ئىنسان! ھەقىقەت ئۈچۈن كۈرەشكە ئۇرغىدى تومۇرلاردا قان! ئۇر، پاچاقلانسۇن كونا دۇنيا، ھەي قۇللار، قوزغال، ئاتلان! ھېچ نەرسىمىز يوق دېمەڭلار، بىزنىڭ بولىدۇ يەر - جاھان! ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش بۇ، بىرلىشەيلى ئەتىگە، ئىنتېرناتسىئونال چوقۇم ئاشىدۇ ئەمەلگە. ئەڭ ئاخىرقى كۈرەش بۇ، بىرلىشەيلى ئەتىگە، ئىنتېرناتسىئونال چوقۇم ئاشىدۇ ئەمەلگە.»