«بۈرگە ناخشىسى»
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
«بۈرگە ناخشىسى» نىڭ تېكىستى گېرمانىيە شائىرى گيوتىنىڭ شېئىرىي درامىسى «فائۇست» تىكى ھەجۋىي شېئىردىن ئېلىنغان. ئۇ ئەسلىدە گېرمانىيىدىكى فېئودال بەگ - كىنەزلەرنىڭ مەنسەپدارلارنى بېقىپ سەمرىتىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت يىرگىنچلىك ھالىتىنى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن يېزىلغان.19 - ئەسىردىن بۇيان، بۇ شېئىرغا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ بىتخوۋېن، رىللا، بېرلىئوز قاتارلىق كومپوزىتورلار مۇزىكا ئىشلىگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە رۇس كومپوزىتورى موسسورگسكىي يازغان «بۈرگە باخشىسى» ئەڭ ياخشى چىققان.
ناخشىنىڭ1 - بۆلىكىنىڭ ئاھاڭى بايان خاراكتېرلىك بولۇپ، دېكلاماتسىيىلىك ئاھاڭغا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. شېئىردا پادىشاھنىڭ بۈرگىنى تولىمۇ ئەتىۋارلاپ باققانلىقى، تىككۈچى چاقىرىپ ئۇنىڭغا شاھانە لىباس بۇيرۇتقانلىقى بايان قىلىنىدۇ.2 - بۆلىكىدە مۇزىكا ھەيۋەتلىك مەدھىيە ناخشىغا تەقلىد قىلىنغان ھالدا شاھانە لىباس كىيگەن بۈرگىنىڭ ئەسكىلىك قىلىپ جاھانغا پاتماي قالغانلىقىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ.3 - بۆلەكتە ئالدىنقى ئىككى بۆلەكتىكى ئاھاڭ بىرلەشتۈرۈلىدۇ. ئاخىرىدا بۈرگىنى مىجىپ ئۆلتۈرگەن غەلىبە قىلغۇچىنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى بىلەن ناخشا ئاياغلىشىدۇ.
موسسورگسكىي دېموكراتىك خاھىش ھەمدە بەدىئىي خاراكتېرگە ئىگە كومپوزىتور. ئۇ بۇ ناخشىدا چار پادىشاھنىڭ ئەخمىقانە چىرىكلىكىگە دارىتمىلاپ، ئۆزىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ھەمدە بەدىئىي تالانتىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇڭا، بۇ ناخشا دۇنيادىكى نۇرغۇن ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئاۋازلىق ئەر ناخشىچىلارنىڭ داۋاملىق ئورۇندايدىغان ناخشىسىغا ئايلانغان.