UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلارپېرلمان

پېرلمان

دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار 1964 - يىل3 - ئايدا دۇنيا بويىچە مەشھۇر ئېدگار لېۋېنترى ئىسكىرىپكا مۇسابىقىسىدە قولتۇقتاياقلىق بىر مۇزىكانت −19 ياشلىق ئىچاك پېرلمان ئۆزىنىڭ يېتۈك ماھارىتى بىلەن ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتقا ئېرىشىپ «ئىسكىرىپكا شاھزادىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولدى. ھالبۇكى، بۇ شاھزادىنىڭ «ئاق ئاتلىق شاھزادە» دەك تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى. ئۇ1945 - يىلى ئىسرائىلىيىنىڭ تېل ئاۋىۋ دېگەن يېرىدە دۇنياغا كەلدى. تۆت يېشىدا بالىلار پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقتىن ئۆمۈرلۈك مېيىپقا ئايلىنىپ، يول يۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇ تەقدىرگە بويۇن ئەگمەي، ئىسكىرىپكا چېلىشنى قەيسەرلىك بىلەن مەشىق قىلدى.1958 - يىلى13 ياشلىق پېرلمان ئامېرىكا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن تاللاندى. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئاتاقلىق ئىسكىرىپكىچى ستېرىننىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشتى ھەمدە «ئامېرىكا فوندى جەمئىيىتى» نىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئامېرىكىدىكى ئاتاقلىق مۇزىكا ئوقۇش يۇرتى − جۇلىيات مۇزىكا ئىنستىتۇتىدا بىلىم ئاشۇردى. ئۇ بۇ يەردە گالامىئان ۋە دوروسى دېلايلارنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەندى. تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن بولغىنى شۇكى، بۇ ئاددىي ھەتتا باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كەلگەن يىگىت دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يىلىغا100 مەيداندىن كۆپ مۇزىكا يىغىلىشى ئۆتكۈزدى. شۇڭا، باشقىلارنىڭ پېرلمان ئىسكىرىپكا چېلىشتا تورېئادورلاردەك قەيسەر روھ، راھىبلاردەك يۈكسەك زېھنىي كۈچتىن تاشقىرى، سېرك ئۆمىكىنىڭ قىزىقچىسىدەك خۇشخۇي ۋە ئۈمىدۋار خاراكتېرنىمۇ يېتىلدۈرۈپتۇ، دېگىنىگە ئەجەبلەنگىلى بولمايتتى. پېرلمان ئىسكىرىپكا چېلىشتا تېپىلمايدىغان كۆپ ئىقتىدارلىق مۇزىكانت دېيىشكە بولىدۇ. ئۇ تۈرلۈك دەۋردىكى كومپوزىتورلارنىڭ خىلمۇخىل ئۇسلۇبتىكى ئەسەرلىرىگە بىمالال ماسلىشالايدۇ، تۈرلۈك مۇزىكا مەزمۇنلىرىنى تۈرلۈك ئاۋاز تۈسلىرى بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ: موزارتنىڭ ئەسەرلىرىنى نەپىس، ئېنىق، يارقىن ۋە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئورۇندايدۇ؛ چايكوۋسكىينىڭ ئەسەرلىرىنى چالغاندا ئۇنىڭدىن غەمكىنلىك، مەيۈسلۈك ياڭرايدۇ؛ ئۇ ئورۇندىغان برامس ئەسەرلىرى قىزغىن ۋە چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ناۋا قىلىدۇ. پېرلمان مۇزىكىدا كلاسسىتىزم ئەسەرلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى رومانتىزم قىزغىنلىقى بىلەن مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەيدۇ، مۇزىكا مەزمۇنىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزىگە خاس ئورۇنداش ئۇسلۇبىنىمۇ يوقاتمايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، پېرلمان ھازىرقى زامان دۇنياسىدىكى10 مەشھۇر ئىسكىرىپكىچىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لېكىن، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر مەجرۇھ ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېسىدىن چىقارمىدى. ئۇ ئۆز خىراجىتى ئارقىلىق نيۇ يورك، ھاۋانا قاتارلىق جايلاردا مەجرۇھ بالىلار دوختۇرخانىسى قۇرۇپ، مەجرۇھ - مېيىپلار ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. ئۇ ھازىر «ئامېرىكا خەلقئارالىق مېيىپلار خەير - ساخاۋەت تەشكىلاتى» نىڭ ئەزاسى. بىر قېتىم بىر مېيىپ ئايال ئۇنى ئۇچرىتىپ تەسىرلەنگەن ھالدا: «سىزنى كۆرگىنىمدە مەندىكى ئۆزۈمنى پەس كۆرۈش ھېسسىياتى يوقىلىدۇ، سىزگە راستتىنلا ھەۋەس قىلىمەن» دېگەن. پېرلمان ئۇنىڭغا: «خانىم، مېنىڭ (پالەچ كېسىلىم) پەقەت پۇتۇمدىلا» دەپ يۇمۇرلۇق جاۋاب بەرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
پېرلمان | UyghurWiki | UyghurWiki