جون سترائۇس
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
جون سترائۇس (1825 −1899 ) ئاۋسترىيىلىك كومپوزىتور، دىرىژور ۋە ئىسكىرىپكا چالغۇچى، ئۇ كىچىكىدىنلا مۇزىكىغا ئامراق بولۇپ، يەتتە يېشىدىلا ۋالىس مۇزىكىسى ئىجاد قىلىشنى باشلىغان.19 يېشىدا ۋېنادا تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى تەشكىللەپ، پولشا ۋە گېرمانىيىنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدە ۋالىس مۇزىكىلىرى يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن، ۋېنا ۋالىسلىرى پۈتكۈل ياۋروپانى قاپلىغان.1872
- يىلى خون سترائۇس تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكىنىڭ بوستون، نيۇ يورك شەھەرلىرىدە ئويۇن قويۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە2000 كىشىلىك تۇرۇبىلىق - كامانچىلىق چالغۇلار ئوركېستىرى بىلەن20 مىڭ كىشىلىك خور ئۆمىكى بىرلىشىپ ئورۇندىغان ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسىرى «كۆك دۇناي دەرياسى» غا دىرىژورلۇق قىلىپ، مۇزىكا تارىخىدا يېڭى رېكورت ياراتقان.1899 - يىلى جون سترائۇس ۋاپات بولغاندا، ۋېنا خەلقى100 مىڭ كىشىلىك كاتتا دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.
جون سترائۇس ئۆز ئۆمرىدە168 ۋالىس،117 پولكا،43 مارش،16 ئوپېرېتتا ئىجاد قىلغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى قىزغىن، شاد - خۇرام، مېلودىيە خاراكتېرى كۈچلۈك، رومانتىزم كەيپىياتى قويۇق، يۇمۇرلۇق ھېسسىيات مول بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. كىشىلەرگە تونۇش «كۆك دۇناي دەرياسى»، «ۋېنا ئورمانلىقىدىكى ھېكايە»، «سەنئەتكارنىڭ ھاياتى» قاتارلىق ۋالىسلار ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن.
جون سترائۇس دادىسى بىلەن ئىسىمداش. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ۋالىس ئىجادىيىتىدە دۇنياغا تونۇلغان ئاتاقلىق كومپوزىتورلار. ئادەتتە دادا - بالىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا «چوڭ»، «كىچىك» دېگەن سۈپەتلەر قوشۇلىدۇ. كىشىلەر چوڭ جون سترائۇسنى «ۋالىس مۇزىكىسىنىڭ ئاتىسى»، كىچىك جون سترائۇسنى «ۋالىس پادىشاھى» دەپ ئاتايدۇ.