«خۇاڭخې چوڭ خورى»
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ باتۇرلۇقى ۋە غەيرەت - شىجائىتىنى ئىپادىلەيدىغان مەشھۇر ناخشا.
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق كومپوزىتورى شيەن شىڭخەي «خۇاڭخې چوڭ خورى» نىڭ ئىجادىيىتىنى يەنئەندىكى ئاددىي بىر ئۆڭكۈردە ئالتە كۈندىلا تاماملىغان. بۇ خور1939 - يىل3 - ئاينىڭ26 - كۈنى شىمالىي شەنشى جامائەت مەكتىپىنىڭ زالىدا تۇنجى قېتىم ئورۇندىلىپ غايەت زور تەسىر قوزغىغان. شۇ يىلى5 - ئاينىڭ11 - كۈنى لۇشۈن نامىدىكى سەنئەت ئىنستىتۇتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم ئورۇندالغان. يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىرى خورغا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن. خور ناھايىتى تېزلا پۈتكۈل مەملىكەتكە تارقالغان.
ئەسەردە ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بارلىققا كېلىش مەنبەسى خۇاڭخې ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر سۈرەتلەپ بېرىلگەن، خەلققە خۇاڭخېنى قوغداش، ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن چاقىرىق قىلىنغان. جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك غەيرەت - شىجائىتى، كۈچلۈك دەۋر روھى، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى ھەمدە روشەن مىللىي ئۇسلۇبقا ئىگە بۇ ناخشا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ئۇلۇغۋار كۈرىشىگە ئىلھام بېرىدىغان جەڭگىۋار سىگنالغا ئايلانغان، شۇنداقلا ئېلىمىزنىڭ خور مۇزىكىلىرى ئىجادىيىتى تارىخىدا شانلىق ئابىدە بولۇپ قالغان.
بۇ ئەسەر جەمئىي سەككىز بابقا بۆلۈنگەن:1 - باب «خۇاڭخې كېمىچىلىرى ناخشىسى» (ئارىلاشما ئاۋازلىق خور)،2 - باب «خۇاڭخېغا مەدھىيە» (ئەرچە يالغۇز ناخشا)،3 - باب «پەلەكتىن چۈشكەن خۇاڭخې سۈيى» (مۇزىكىلىق دېكلاماتسىيە)،4 - باب «خۇاڭخې سۈيى قوشىقى» (ئارىلاشما ئاۋازلىق خور)،5 - باب «دەريا بويىدىكى ئېيتىشىش» (ئەرچە ئېيتىشىش ۋە ئارىلاشما ئاۋازلىق خور)،6 - باب «خۇاڭخې غەزىپى» (ئايالچە يۇقىرى ئاۋازلىق ناخشا)،7 - باب «خۇاڭخېنى قوغدايلى» (كوللېكتىپ ناخشا، قوغلاشما ناخشا)،8 - باب «نەرە تارت، خۇاڭخې» (ئارىلاشما ئاۋازلىق خور). بۇ سەككىز باب ئاجرالماس گەۋدە. لېكىن، ئۇلار نىسپىي مۇستەقىللىققىمۇ ئىگە بولغاچقا، يالغۇز ئورۇنداشقىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە «خۇاڭخې سۈيى قوشىقى» ۋە «خۇاڭخېنى قوغدايلى» ئەڭ كۆپ ئورۇندىلىدىغان ئەسەرلەردۇر.