UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلاركلېيدمان

كلېيدمان

دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار كلېيدمان ئەسلىدە داڭلىق ناخشىچىلارغا پىئانىنو تەڭكەش قىلىدىغان مۇزىكانت ئىدى، بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا «سۇ بويىدىكى ئادىلىنا» ناملىق ناخشىنى ئورۇنداپ بەرگەنلىكى تۈپەيلى، بىر كېچىدىلا فرانسىيە بويىچە ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاممىباب پىئانىنو مۇزىكىلىرى شاھىغا ئايلاندى. رىچارد كلېيدمان1953 - يىلى فرانسىيىنىڭ پارىژ شەھىرىدە تۇغۇلدى. بەش يېشىدىن باشلاپ دادىسىدىن پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەندى، ئۇنىڭ دادىسى پىئانىنو ئوقۇتقۇچىسى ئىدى. نوتا تونۇش − كلېيدمانغا ئادەتتىكى دەرسلىكلەرنى ئوقۇشتىنمۇ ئاسان تۇيۇلاتتى. ئۇ ئالتە ياشقا كىرگەندە كىچىككىنە بارماقلىرى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ئەپچىل ھەرىكەتلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. ئۇ16 ياشقا كىرگەن چېغىدا ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇزىكىنى ئورۇنداپ مەكتەپ بويىچە1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. كېيىنچە، كلېيدمان پارىژ دۆلەتلىك مۇزىكا - تىياتىر مەكتىپىگە كىرىپ، مەخسۇس قەدىمىي پىئانىنو چېلىشنى ئۆگەندى. ئۇ چالغان مۇزىكىلارنىڭ بەزىلىرى مەشھۇر مۇزىكىلاردىن ئۆزگەرتىلگەن ئاھاڭلار، بەزىلىرى ئىككى نەپەر ھازىرقى زامان مودا مۇزىكىلىرى كومپوزىتورىنىڭ ئەسەرلىرى ئىدى. بۇ مۇزىكىلار كلېيدماننىڭ ئەپچىل، يارىشىملىق، شېئىرىي مەنىگە باي ئۇسۇل بىلەن ئورۇندىشى ئاستىدا، نەپىس كلاسسىك پۇراق بىلەن كىشىنى مەستخۇشلاندۇرىدىغان رومانتىك خۇش ھىد ئۆزئارا مۇجەسسەملەنگەن، ناھايىتىمۇ ئاز ئۇچرايدىغان، ھەممە بىردەك لەززەت ئالالايدىغان ئەسەرگە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، كلېيدمان ئورۇندىغان مۇزىكا سادالىرى ئاللىقاچان فرانسىيە چېگرىسىدىن ھالقىپ، ياۋروپادىن ئامېرىكىغا، ياپونىيە ۋە جۇڭگودىن پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا تارقالدى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
كلېيدمان | UyghurWiki | UyghurWiki