گلىنكا
دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
گلىنكا (1804 −1857 ) روسىيىدە پومېشچىك ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق دەۋرى يېزىدا ئۆتكەن. ئۇ بۇ مەزگىلدە يانچى مۇزىكانتلار ھەمدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن پىئانىنو ۋە ئىسكىرىپكا ئۆگەنگەن.
گلىنكا ئۆسمۈر چېغىدا پېتربۇرگ ئاقسۆڭەكلەر پەرزەنتلىرى مەكتىپىدە مۇزىكا تەربىيىسى ئالغان.20 يېشىدا قاتناش مىنىستىرلىكىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن، ئىشتىن سىرت مۇزىكا پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1830 - يىلى ئىتالىيىدە ئوقۇۋاتقان چېغىدىمۇ رۇس مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلىشنى زادىلا ئېسىدىن چىقارمىغان. رۇس مىللىي مۇزىكىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن باشقا ئەللەرنىڭ مىللىي مۇزىكىسىدىن پايدىلىنىشقا توغرا كەلگەن. شۇڭا، ئۇ مەخسۇس گېرمانىيە ۋە ئىسپانىيىگە زىيارەتكە بارغان.1836 - يىلى گلىنكا تۇنجى رۇس مىللىي ئوپېراسى «ئىۋان سۇسانىن» نى،1842 - يىلى پۇشكىن داستانىدىن پايدىلىنىپ ئىشلەنگەن ئوپېرا «رۇسلان ۋە ليۇدمىلا» نى ئىشلەپ پۈتكۈزگەن. ئۇنىڭ مۇزىكىلىرى رۇس مىللىي مۇزىكىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالغان. گلىنكا «رۇس مۇزىكىسىنىڭ ئاتىسى» دېگەن نامغا مۇيەسسەر بولۇپ، روسىيە مۇزىكا تارىخىدا نام قالدۇرغان تۇنجى شەخس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن يەنە فانتازىيە «كامارىنسكايا»، مۇقەددىمە مۇزىكىلىرىدىن «ئاراگونچە يوتا»، «مادرىد كېچىسى»، پىئانىنو مۇزىكىلىرى ھەمدە نەچچە ئونلىغان لىرىك يالغۇز ناخشىلار بار.