UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار«مويسىپىتلار دەرياسى»

«مويسىپىتلار دەرياسى»

دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار بۇ ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ناخشا، ئاپتورى نېگىر ناخشىچى پول روبسون.1928 - يىلى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىدىكى بىر تىياتىرخانىدا مۇزىكىلىق تىياتىر »سەيلە كېمىسى« نىڭ تۇنجى پەردىسى ئوينالماقتا ئىدى. ھاممال رولىنى ئالغان پول روبسون مۇنداق دەپ ناخشا باشلىدى: «شۇ قەدەر تارتتۇق جاپا، پۇت - قولىمىزدا مادار يوق. ھەم قورقىمىز ئۆلۈمدىن، ھاياتتىنمۇ جاق تويدۇق. ۋە لېكىن، مويسىپىتلار دەرياسى مەڭگۈ ئاقار توختىماي.» ئۇنىڭ كۈچلۈك ۋە بوم ئاۋازى تاماشىبىنلارغا ھاياجان بېغىشلاپ، ئارىلاپ ياڭرىغان گۈلدۈراس چاۋاك سادالىرىغا سەۋەب بولدى. ناخشىچىمۇ بىر يولىلا نام قازاندى.1937 - يىلى ئەنگلىيىدە ئىسپانىيە جۇمھۇرىيىتىنى قوللاش يۈزىسىدىن ئاممىۋى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. روبسون «مويسىپىتلار دەرياسى» نىڭ تېكىستىنى «ئۈمىدۋار تۇرۇپ قىلىمەن كۈرەش، تاكى توختاپ تىنىقىم ئۆلگەنگە قەدەر» دەپ ئۆزگەرتتى. بۇ ناخشا كىشىلەرنىڭ تىنچلىق ۋە ھەققانىيەتنى ھىمايە قىلىش ساداسىنى ئىپادىلەپ، يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك ياڭراق ئالقىش سادالىرىنى قوزغىدى. ئامېرىكا نېگىرلىرىنىڭ پاجىئەلىك ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بۇ ناخشا تېزلىكتە پۈتكۈل دۇنياغا تارقالدى. ئۇ ھازىرمۇ مۇزىكا يىغىلىشلىرىدا داۋاملىق ئورۇندىلىپ كەلمەكتە. «مويسىپىتلار دەرياسى» نىڭ بىرنەچچە قېتىم تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى تېكىستى مۇنداق: مىسسىسىپى دەرياسىدا نېگىر چېكىدۇ كۈلپەت، نېگىر قىلسا ئەمگەكنى ئاق تەنلىك كۆرەر راھەت، نېگىر تاكى ئۆلگىچە تىنماي چېكەر مۇشەققەت. ئەتىگەندىن كەچكىچە سۆرىسەك بىز كېمىنى، ئاق بەدەنلىك ئىش بېشى ھومىيىپ تۇرار پەقەت. بىخەستەلىك تۈپەيلى چىقارمايلى پالاكەت، باش ئېگىپ ياۋاش بولۇش بىزگە ئۆمۈرلۈك ئادەت. قاچانمۇ قۇتۇلارمەن ئاق بەدەنلىك گۇڭتۇدىن، قاچانمۇ قۇتۇلارمەن مىسسىسىپى دەرياسىدىن. ئېيتىپ بەرگىنە ماڭا مەنزىلگاھىم قەيەردە، قاچان ئورۇن ئالغايمەن ئىئوردان دەرياسىدىن. مىسسىسىپى دەرياسى سەن ھەممىنى بىلىسەن، بىلىپ تۇرۇپ ھەممىنى سۈكۈت قىلىپ تۇرىسەن. ئاقىسەنۇ ئاقىسەن، توختىماستىن ئاقىسەن.»
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار
«مويسىپىتلار دەرياسى» | UyghurWiki | UyghurWiki