UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار«مارسېل مارشى»

«مارسېل مارشى»

دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار «مارسېل مارشى» ئەسلىدە بىر ئەسكەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان جەڭ ناخشىسى،1795 - يىلى فرانسىيىنىڭ دۆلەت شېئىرى قىلىپ بېكىتىلگەن.1789 - يىل7 - ئاينىڭ14 - كۈنى پارىژ خەلقى باستىللې تۈرمىسىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇرژۇئا بۈيۈك ئىنقىلابى داغدۇغىلىق باشلىنىپ كەتتى.1792 - يىلى پروسسىيە - ئاۋسترىيە فېئودال ھۆكۈمرانلىرى بىرلەشمە قوشۇن تەشكىللەپ قوراللىق مۇداخىلە قىلدى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە ئالدىنقى سەپتە جەڭ قىلىۋاتقان ستراسبوۋرگ شەھىرىنىڭ باشلىقى كىشىلەرنى زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جەڭ ناخشىسى يېزىشقا چاقىردى. رېين باتاليونىنىڭ ساپيورلار لېيتېنانتى روئۇگىت دېلىسل نەق مەيداندىلا «رېين دەرياسى قوشۇنى جەڭ ناخشىسى» ناملىق بىر ناخشا يازدى. بۇ ناخشا ئورۇندالغاندىن كېيىن جۇمھۇرىيەت قوشۇنى ئىچىگە ناھايىتى تېزلا تارقالدى، مارسېل شەھىرىدىكى ۋەتەننى قۇتۇلدۇرۇش پىدائىيلىرى ناخشىنى ياڭراتقىنىچە پارىژغا يۈرۈش قىلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ناخشىنىڭ نامى «مارسېل مارشى» غا ئۆزگەرتىلدى. كېيىنچە، بۇ مارش فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئىنقىلابىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. «مارسېل مارشى» نىڭ تېكىستى مۇنداق: «ئالغا، فرانسىيە ۋەتەن ئوغلانى، ئۇلۇغۋار پەيت ئالدىمىزدا. ۋەتەن ئازابتا ئىڭرىماقتا، زالىم قامچىسى بېشىمىزدا. سال نەزەر، قان ئىچەر جاللاتلار ئەلنى چاپقۇن قىلماقتا. جوراڭ بىلەن پەرزەنتلىرىڭ جېنىدىن جۇدا بولماقتا. خەلقىم تېز قوراللان! خەلقىم ئال قانغا قان! ئالغا، ئالغا، ئۇيۇشۇپ پات، ياۋنى قويماي يوقات!»
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى مەشھۇر مۇزىكشۇناسلار ۋە ناخشىچىلار