قەدىمىي كىتاب ساقلاش بىناسى
دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلار
قەدىمكى جۇڭگودا، مەملىكەتنىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك كىتاب ساقلاش بىنالىرى بولغان. ئەپسۇسكى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كۆيدۈرۈۋېتىلگەن، بەزىلىرى سۇغا غەرق قىلىۋېتىلگەن، يەنە بەزىلىرى قۇرت - قوڭغۇزلارغا يەم بولۇپ كەتكەن. ئۇلاردىن ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغىنى ناھايىتى ئاز بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ قەدىمكىسى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭبو شەھىرىدىكى تيەنيىگې بىناسىدۇر.
تيەنيىگې مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى يىنشيەن ناھىيىسىدە ئۆتكەن فەن چىن دېگەن ئادەمنىڭ كىتاب ساقلايدىغان جايى بولۇپ، جياجىڭنىڭ40 - يىلى (مىلادىيە1561 - يىلى) سېلىنغان. ئەينى چاغدا بۇ يەردە70 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ساقلانغان. بۇ بىنا ئىككى قەۋەتلىك بولۇپ، ئۈستۈنكى قەۋىتىگە كىتاب قويۇلغان، ئىككىنچى قەۋەتنىڭ ئوتتۇرىسىغا «قىممەتلىك كىتابلار بىناسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان، شامال ئۆتۈشۈشكە ۋە چاڭ - توزاندىن ساقلىنىشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن، كىتاب ئىشكاپلىرىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىشىك ئېچىلغان. ئاستىنقى قەۋەتنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئۈچ ئېغىزلىقى مەركىزىي زال بولۇپ، ئىككى تەرىپىگە داڭلىق ئىلىم ئەھلىلىرى يازغان نەزملەر ئېسىپ قويۇلغان. بىنانىڭ ئالدى - كەينىدىكى ھويلا - سەينالارغا شىپاڭ ۋە سۈنئىي كۆللەر ياسالغان بولۇپ، گۈزەل مۇھىتى كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى «تۆت چوڭ مەجمۇئە» ساقلانغان ئۆيلەرمۇ تيەنيىگې كىتاب ساقلاش بىناسىغا تەقلىد قىلىپ سېلىنغان.
كىتابلارنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، فەن چىن ئىككى ئوغلىغا «كىتابلارنى ئايرىۋەتمەسلىك» نى تاپىلىغان. چوڭ ئوغلى فەن داچۇڭ مال - بىساتىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ كىتاب ساقلاش بىناسىغا ۋارىسلىق قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فەن جەمەتىدىكىلەر «ئەۋلادمۇئەۋلاد كىتابلارنى ئايرىۋەتمەسلىك، قولدىن چىقارماسلىق» دېگەن ۋەسىيەتكە ئەمەل قىلىپ كەلگەن، كىتاب - ماتېرىياللار فەن جەمەتىدىكىلەرنىڭ ئورتاق ئىگىدارچىلىقىدا بولغان.
تيەنيىگې كىتاب ساقلاش بىناسىدىكى كىتابلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگو - چەت ئەللەرنىڭ قىممەتلىك كىتابلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە پادىشاھ چيەنلۇڭ ئىنئام قىلغان «قەدىمكى ۋە ھازىرقى كىتابلار مەجمۇئەسى» نىڭ10 مىڭ تومى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ يەرلىك تەزكىرىسى قاتارلىقلار بار. ئۇ ھازىر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى. نىڭبودىكى بەزى داڭلىق كىتاب ساقلىغۇچىلار ئۆزلىرى ساقلاپ كەلگەن قىممەتلىك كىتاب، رەسىم، يادنامە قاتارلىقلارنى تيەنيىگې كىتاب ساقلاش بىناسىغا ئىئانە قىلغان. ھازىر تيەنيىگې كىتاب ساقلاش بىناسىدا300 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب - ماتېرىيال ساقلانماقتا. بۇنىڭ ئىچىدە سۇڭ سۇلالىسى، يۈەن سۇلالىسى، مىڭ سۇلالىسى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدىكى يېگانە كىتابلار80 مىڭ پارچىدىن ئاشىدۇ.1962 - يىلى گومورو ئەپەندى بۇ بىنانى زىيارەت قىلىپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن.