UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى كۇتۇپخانىلارلېنىن كۇتۇپخانىسى

لېنىن كۇتۇپخانىسى

دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلار لېنىن كۇتۇپخانىسى پېتىربۇرگ شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە داڭلىق كۇتۇپخانىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۇتۇپخانا پۈتكۈل بىر كوچىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئاسمان - پەلەك كىتاب ئامبىرى بىناسى ۋە ئازادە، يورۇق قىرائەتخانا زالى تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كىتاب جازىلىرىغا30 مىليون پارچىدىن ئارتۇق كىتاب - ماتېرىيال قويۇلغان. بۇ كۇتۇپخانىغا ھەر كۈنى دېگۈدەك دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىدىن نەچچە مىڭ خىل كىتاب ئەۋەتىلىپ تۇرىدۇ. كۇتۇپخانىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ كۆپىنچىسى ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالىملار بولۇپ، ئۇلار ھەر كۈنى10 مىڭغا يېقىن ئوقۇرمەننى كۈتۈۋالىدۇ، كۈنىگە40 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتاب ئارىيەت بېرىلىدۇ. كۇتۇپخانىنىڭ مۇلازىمەت ئۈسكۈنىلىرى ئىنتايىن ئىلغار بولۇپ، ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئارىيەت ئېلىش كارتىسىنى تولدۇرۇپ خىزمەتچى خادىملارغا تاپشۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، ئۇلار كارتىنى كومپيۇتېرغا كىرگۈزىدۇ، كارتا سېكۇنتىغا10 مېتىرلىق سۈرئەت بىلەن لىنىيىنى بويلاپ ئاشۇ كىتاب قويۇلغان ئورۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ، ئاندىن كېيىن مىكرو ئېلېكترلىك لىنىيە كىتابنى ناھايىتى تېزلا ئارىيەت ئالغۇچىغا ئاپىرىپ بېرىدۇ. كۇتۇپخانىدا روسىيە چار پادىشاھى پېتىر Ⅰ نىڭ قوليازمىلىرى ۋە دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان قىممەتلىك كىتابلار ساقلانغان. ئوقۇرمەنلەر بۇ بىباھا ماتېرىياللارنى ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇماقچى بولسا، خىزمەتچى خادىملار سۈرەتكە تارتىپ نۇسخا كۆپەيتىپ بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ، ئوقۇرمەنلەر مىكرو پىليونكىلىق قىرائەتخانىغا كىرىپ ئوقۇش ماشىنىسىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇسىمۇ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلار