UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى كۇتۇپخانىلارخىلمۇخىل كۇتۇپخانىلار

خىلمۇخىل كۇتۇپخانىلار

دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلار ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇرمەنلىرى ھەر خىل كۇتۇپخانىلار بار بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ئىشلىتىلىشى ھەر خىل كۇتۇپخانىلارمۇ بار. شياڭگاڭدا بىر ئويۇنچۇقلار كۇتۇپخانىسى بار بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانا مەخسۇس بالىلارنى، بولۇپمۇ تولۇق يېتىلمىگەن بالىلارنى ئېھتىياجلىق ئويۇنچۇقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. كۇتۇپخانىدا ھەر خىل ئويۇنچۇقلار بار بولۇپ، بۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ بەزىلىرى بالىلارنىڭ پائالىيەت ئىقتىدارى، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرىدىغان، يەنە بەزىلىرى ئەقلىي ئىقتىدارىنى، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىش ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان ئويۇنچۇقلار. فرانسىيىدىكى بىر دوختۇرخانىنىڭ بالنىتسا بىناسىدا بىر ئۆزگىچە بىمارلار كۇتۇپخانىسى بار. دوختۇرخانىدا400 دىن ئارتۇق بىمار بالا بار بولۇپ، بۇ كۇتۇپخانا بىمار بالىلارنىڭ يېتىشەلمىگەن دەرسلىرىنى تولۇقلاپ تەكرار قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ئايال ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىدۇ. بىمار بالىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تەكشى بولمىغاچقا، ئوقۇتقۇچىلار ۋاقىتقا ئايرىپ دەرس ئۆتۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ ھەمدە بالىلارنى قىزىقارلىق كىتابلارنى ئوقۇشقا يېتەكلەيدۇ. كۇتۇپخانىنىڭ ئىشىكىگە ئاپتوماتىك ئېچىش - يېپىش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، بىمار بالىلار چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىمالال كىرىپ - چىقالايدۇ. قىرائەتخانا زالىدا تۈۋرۈك يوق بولۇپ، تۈرلۈك كىتابلار تۈرلەر بويىچە تامغا يۆلەكلىك كىتاب جازىلىرىغا قويۇلغان. بۇ كۇتۇپخانىغا كىرگەن ئاغرىق - سىلاق، مېيىپ بالىلار كېسەل ئازابىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ قۇتۇلالايدۇ.18 - ئەسىردە گېرمانىيە ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا ياغاچ كىتاب يىغىش ناھايىتى مودا بولغان. بۇ خىل كىتاب ياغاچتىن ياسالغان قاپ بولۇپ، قاپنىڭ يۈزى دەرەخ قوۋزىقىدىن ياسالغان، ئۈستىگە شۇ خىل دەرەخنىڭ نامى ئويۇلغان. قاپنىڭ ئىچىگە شۇ خىل دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى، مېۋىسى، يىلتىزى سېلىنغان، يەنە شۇ خىل دەرەخ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلغان. ھەربىر «ياغاچ كۇتۇپخانىسى» غا مۇشۇنداق كىتابتىن نەچچە يۈز خىلى قويۇلغان. خېلى كۆپ دۆلەتلەردە مەخسۇس ئەمالار ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان كۇتۇپخانا ياكى ئەمالار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئورنى بار. بۇنداق كۇتۇپخانا، مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئەمالار يېزىقىنى بىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە ئوقۇش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەمالار پسىخىكىسى قاتارلىقلارغا دائىر بىلىملەردىنمۇ ئوبدان خەۋەردار. يەنە مەخسۇس مەلۇم جەھەتتىكى ماتېرىياللارنى يىغىدىغان كۇتۇپخانىلارمۇ بار، مەسىلەن، شۋېتسارىيىدىكى نوبېل كۇتۇپخانىسى، ياپونىيىدىكى «مونوناترىي گلۇتامات» (بىر خىل تېتىتقۇ) ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنىڭ يېمەكلىك كۇتۇپخانىسى مۇشۇ خىل كۇتۇپخانا قاتارىغا كىرىدۇ. بەزى دۆلەتلەردە مەخسۇس ھەر خىل كىيىم - كېچەكلەرنى يىغىدىغان كىيىم - كېچەك كۇتۇپخانىلىرىمۇ بار.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى كۇتۇپخانىلار