خەن دەۋرىدىكى تاش ۋە خىش رەسىملەر
دۇنيادىكى ھەيكەللەر
ئىككى خەن سۇلالىسى دەۋرىدە، ھۆكۈمرانلارنىڭ قەبرە تېمى، قەبرە ئىشىكى، ئەگمىسى، خاتىرە راۋىقى ياكى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تاملىرىغا رەسىم ئويۇلغان تاش ياكى خىشلار قوپۇرۇلغان. بۇ خىل رەسىملىك تاش، خىشلار ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئويمىچىلىق ماھارىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بىرخىل ھەيكەلتىراشلىق ئەسىرى بولۇپ قالغان.
رەسىملىك تاش ۋە خىشلار قاپارتما ھەيكەل ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىدۇ ياكى سىزىق ئويۇپ شەكىل يارىتىدۇ. شۇڭا، پېتىنغۇ - كۆپۈنگۈ تام رەسىم دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ سىياھتا سىزىلغان تام رەسىمگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزاققىچە ساقلىنىپ قالىدۇ.
فېئودال ھوقۇقدارلارنىڭ قەبرىلىرىگە پادىشاھ، ۋەزىر، ۋاپادار بالا، سادىق جەڭچى، ئىپپەتلىك ئاياللارنىڭ رەسىملىرى ئاساس قىلىنىپ سىزىلغان. مەسىلەن، كۇڭزى ۋە ئۇنىڭ72 شاگىرتىنىڭ رەسىمى، ياۋ ۋە شۇن پادىشاھلارنىڭ ئىستىقامەتتە ئولتۇرۇشى، ئىپپەتلىك ئاياللار ھەققىدە قىسسە قاتارلىقلار. ئات، ھارۋا، ئوۋ ئوۋلاش، ئاشخانا، زىياپەت، مۇزىكا - ئۇسسۇل، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرىمۇ ئىپادىلەنگەن.
ھەرقايسى جايلارنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن، رەسىملىك تاش ۋە خىشلارنىڭ ئۇسلۇبىمۇ ئوخشاش بولمىغان. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ رەسىملىك تاش ۋە خىشلىرى ساددا ۋەزىنلىك، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ چەبدەس، قاۋۇل، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ نەپىس، يېقىملىق، شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئاددىي - ساددا بولۇپ، ئۇلار ئېلىمىز گۈزەل سەنئەت تارىخىدىكى نۇرلۇق مەرۋايىت.