UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرتاش كېمىر ھەيكەللىرى

تاش كېمىر ھەيكەللىرى

دۇنيادىكى ھەيكەللەر ئېلىمىز خەلقى قەدىمكى دەۋرلەردە تاغ باغرىلىرىغا ئۆڭكۈر ۋە غارلارنى قېزىپ، ئىچىگە ھەيكەل ياسىغان. بۇلار تاش غار ھەيكەللىرى دەپ ئاتىلىدۇ. تاش غارلاردا ھەيكەل ياساش ھىندىستاندىن باشلانغان. جۇڭگودا ۋېي، جىن ۋە جەنۇبىي - شىمالىي سۇلالىلەردىن باشلاپ ئۆڭكۈر قېزىپ ھەيكەل ياساش باشلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تاش غار سەنئىتى شەكىللەنگەن. بۈگۈنگە قەدەر ساقلانغان تاش غار ساڭرام يادىكارلىقلىرى120 دىن ئارتۇق. بۇلارنىڭ ئىچىدە سەنشى ئۆلكىسىدىكى يۈنگاڭ تاش غارى، خېنەن ئۆلكىسىدىكى لۇڭمېن تاش غارى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ دېگەن يېرىدىكى موگاۋ تاش غارلىرى ئەڭ مۇھىملىرى بولۇپ، جۇڭگو تاش غار سەنئىتىدىكى3 چوڭ خەزىنە دەپ ئاتىلىدۇ. يۈنگاڭ تاش غارى بىلەن لۇڭمېن تاش غارى ئەڭ بالدۇر قېزىلغان بولۇپ، تاشتىن ئويۇلغان ھەيكەللەرنىڭ سانىمۇ كۆپ، سۈپىتىمۇ يۇقىرى. موگاۋ غارىنىڭ ئىچى قۇملۇق يار بولغانلىقتىن ئويۇشقا بولمىغاچقا، ھەيكەللەر لايدىن ياسىلىپ رەڭ بېرىلگەن. يۈنگاڭ تاش غارى بۈگۈنكى سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ۋۇجۈشەن تېغىنىڭ جەنۇبىدا بولۇپ، تاغ بويلاپ قېزىلغان. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن1 كىلومېتىرچە كېلىدۇ.53 غارغا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ جەمئىي51 مىڭدىن ئارتۇق ھەيكەل ياسالغان. ئەڭ چوڭىنىڭ ئېگىزلىكى17 مېتىر كېلىدۇ. يۈنگاڭ تاش غارىدىكى ھەيكەللەر تەپسىلاتلىرىنى ئىنچىكىلەپ ئىشلەشكە ئىنتىلىپ كەتمىگەن. بەلكى بىر پۈتۈنلۈك ئۈنۈمنى كىشى تەسىرلەنگىدەك قىلىپ ئىپادىلىگەن. دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ھەيكەللەرنىڭ شەكىل يارىتىلىش ئۇسلۇبى ھىندىستان ھەيكەللىرىگە تەقلىد قىلىنغان. مەسىلەن،20 - غاردىكى ساكيامونىنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن14 مېتىر بولۇپ، ھەيكەلدە مېھىر - شەپقەتلىك روھىي ھالەت تولۇق ئىپادىلەنگەن. لۇڭمېن تاش غارى بۈگۈنكى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ لوياڭ شەھىرىدىكى يىشۇي دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ قېزىلىشقا باشلىغان. كۆلىمى بەكمۇ زور، ھازىرغىچە2100 دىن ئارتۇق غار تەكچىسى،100 مىڭدىن ئارتۇق ھەيكەل ۋە قاپارتما ھەيكەل،40 تىن ئارتۇق بۇت مۇنارى،3600 دىن ئارتۇق بېغىشلىما ۋە ئابىدىلەر ساقلىنىپ قالغان. لۇڭمېن تاش غارىدىكى ھەيكەللەرنىڭ شەكىل يارىتىلىشى يۈنگاڭ تاش غارىدىكى ھەيكەللەرگە ئوخشاشمايدۇ. بۇت ۋە بۇدساتۋالارنىڭ يۈز شەكلى سۈزۈك، چىرايلىق، روھىي كەيپىياتى خۇشخۇي بولۇپ، خەنزۇچە كىيىنگەن. ھالبۇكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى فېڭ شيەنشى ساڭرامىدىكى ئاساسلىق بۇت لوسانانىڭ (anasoL) ھەيكىلىنىڭ ئېگىزلىكى17 مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇچىسىغا كاسايا (ayadsaK) كىيگەن. يۈزلىرى تولغان، ئېغىز جاۋغىيى سەل - پەل كۆتۈرۈلگەن. كۆزلىرىنى سەل - پەل ئېچىپ تەكشى قارىغان، سۇكۇناتتا ئولتۇرغان چىراي - قىياپىتى مېھرىبان - شەپقەتلىك بولۇپ، يۈز شەكلى ۋە خىسلىتى پۈتۈنلەي جۇڭگولۇقلارغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ يېنىدىكى مانجۇسىرى (irsujnaM) بىلەن سامانتابخادرا (ardahbatnamaS) دىن ئىبارەت ئىككى بۇدساتۋانىڭ ھەر بىرىنىڭ ئېگىزلىكى13 مېتىر. يۈز - چىرايى مۇلايىم، بەدىنى يۇمران بولۇپ، جۇڭگو ئاياللىرىغا خاس گۈزەللىككە ئىگە ئىدى. قالغان بۇدساتۋالارمۇ جۇڭگونىڭ راھىبلىرى ۋە ئوردا قاراۋۇللىرىغا ئوخشايتتى.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر