UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرجۇڭگونىڭ ئەڭ بالدۇرقى ھەيكەللىرى

جۇڭگونىڭ ئەڭ بالدۇرقى ھەيكەللىرى

دۇنيادىكى ھەيكەللەر ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ساپالدىن ياسالغان ھايۋانلار ۋە شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى برونزىدىن ياسالغان زىننەتلەنگەن قاچىلار − جۇڭگونىڭ ئەڭ بالدۇرقى ھەيكەللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك شۇ چاغدىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىدى. ئوبرازلار بىۋاسىتە تۇرمۇشتىن ئېلىنغاچقا، ئاساسىي گەۋدىلىك شەكىل ھالىتىگە ئىگە بولۇپ، ھەيكەل ئالاھدىلىكىنى پۈتۈنلەي ھازىرلىغانىدى. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ساپال بۇيۇملار چوشقا، ئىت، قوي، توشقان، توخۇ، بېلىق قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ شەكىللىرىگە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، لاي توپىدا ياساپ ئالغاندىن كېيىن، ئوتتا پىشۇرۇلۇپ قاچا - قۇچا قىلىنغان. يېقىنقى يىللاردا قېزىۋېلىنغان يېڭى تاش قوراللار دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ھايۋان شەكلىدىكى ساپال چەينەك بىرخىل سۇ قاچىلايدىغان قاچا بولۇپ، ئۇنىڭ شەكلى كەڭ، يوغان، يالپاقراق يۇمىلاق كەلگەن. تۈز ۋە توم تۆت پۇتى ئازراق سىرتقا كېرىلگەن بولۇپ، ئۈستىدىكى ئېغىرلىقىنى مۇقىم كۆتۈرۈپ تۇراتتى. بوينى ۋە بېشى يۇقىرىغا تۈز سوزۇلغان. قۇلاقلىرىنى تىك قىلىپ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان. قويرۇقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن بولۇپ، ئۆي ئىتىنىڭ يات ئادەم ياكى ياۋايى ھايۋانلارنى ئۇچراتقان چاغدىكى سەگەك روھىي ھالىتى تەسۋىرلەنگەن. ئىشلىتىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۈمبىسىگە كۆۋرۈكسىمان تۇتقۇچ ۋە سۇ قۇيىدىغان سىلىندىرسىمان تۆشۈك ئورنىتىلغان. ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، جانلىق، تەبىئىي، ئوبرازمۇ بۇزۇلمىغان. پۈتۈن ھەيكەلنىڭ شەكلى ئىخچام، سىزىقلىرى راۋان، ئۇسلۇبى ئاددىي، سالاپەتلىك بولۇپ شۇ چاغدىكى ئىنسانلارنىڭ ئېستېتىكىلىق سەۋىيىسىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ بالدۇرقى ھەيكەللەرنىڭ ۋەكىلى. شاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى برونزا قاچىلار گەرچە قۇللار ئىجاد قىلغان سەنئەت بۇيۇمى بولسىمۇ، بىراق ئۇ قۇل ئىگىلىرىگە تەئەللۇق ئىدى. قۇل ئىگىلىرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، كۈي (رىۋايەتلەردىكى غەلىتە مەخلۇق)، ئەجدىھار، يولۋاس قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ شەكلىدىكى سەلتەنەتلىك ۋە سىرلىق نەقىشلەرنى ئىشلەتكەن بولۇپ، بۇ برونزا قاچىلارنىڭ بەدىئىي ئۆزگىچىلىكى ئىدى.1975 - يىلى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ فىڭلىڭ دېگەن يېرىدىن قېزىۋېلىنغان پىل ھەيكەلنىڭ بەدىنى تولۇق، ساغلام، سېلىشتۇرمىلىرى مۇۋاپىق، شەكىل يارىتىلىشى جانلىق. قۇيمىچىلىق ھۆنەر - سەنئىتى سەرخىل، پىل تېنى يېشىل رەڭدە بولۇپ، گۈل - ئۆرنەكلىرى ئۆزگىرىشچان، سىرلىق ۋە ھەيۋەتلىك. برونزا قاچىلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ھۆنەر - سەنئىتى ۋە ئۇسلۇبى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ پارلاق برونزا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، ئېلىمىز ھەيكەلتىراشلىقىدىكى مىللىي ئۇسلۇبنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر