UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەر«مارسېل مارشى» ۋە «بېلىقچىنىڭ بالىسى»

«مارسېل مارشى» ۋە «بېلىقچىنىڭ بالىسى»

دۇنيادىكى ھەيكەللەر رۇدېي (1784−1855، eduR siocnarF) خوۋدون ۋە رودېنلار بىلەن ئوخشاش فرانسىيىلىك داڭلىق ھەيكەلتىراش. ئۇنىڭ «مارسېل مارشى» دەك ھەيۋەتلىك، سەلتەنەتلىك مەزمۇنغا ئىگە ئەسەرلىرىمۇ، ھەم «بېلىقچىنىڭ بالىسى» دېگەندەك مول تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە تەسىرلىك ئەسەرلىرىمۇ بار. «مارسېل مارشى» پارىژدىكى زەپەر دەرۋازىسىنىڭ تېمىدىكى ئېگىز قاپارتما ھەيكەل. «مارسېل مارشى» ئەسلىدە فرانسىيە خەلقىنىڭ چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى چىققاندا ياڭرىتىدىغان جەڭگىۋار مارشى بولۇپ، كېيىنچە فرانسىيىنىڭ دۆلەت گېمنى قىلىنغان. رۇدېي مارشنىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ، بۇ ئۇلۇغ ۋەقەنى رومانتىك ئۇسۇلدا ئىپادىلىگەن. ھەيكەلنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە قاناتلىق ئايال ئويۇلغان. ئۇ قىلىچ كۆتۈرگەن ئوڭ قولى بىلەن ئالدى تەرەپنى كۆرسەتمەكتە. سول قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چوڭ قەدەم تاشلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە. كىيىملىرى شامالدا لەپىلدەپ تۇرماقتا ئىدى. ئۇ ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە غەلىبە ئىلاھىنىڭ سىمۋولى بولۇپ، خەلقنى دۈشمەنگە قارشى ھۇجۇمغا چاقىرماقتا ۋە يېتەكلىمەكتە ئىدى. تۆۋەندىكى كىشىلەر توپى ساقاللىق قاۋۇل جەڭچىنى مەركەز قىلغان. ئۇ ئوڭ قولىدا تۆمۈر قالپاقنى كۆتۈرۈپ بېشىنى كەينىگە بۇراپ ۋارقىراپ، سول قولىدا ئوغلىنى يۆلەپ تۇرماقتا. ئۇنىڭ كەينىدىكى ياشانغان جەڭچى بىر قولىدا قىلىچ يەنە بىر قولىدا قالقان كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، تەمكىن ۋە قەيسەر كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېلىنى ئېگىپ جەڭ قوراللىرىنى باغلاۋاتقان ئوقياچىلار ۋە كانايچى ياش جەڭچىمۇ بار ئىدى. ئەڭ ئالدىدىكى جەڭچى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئايال ئىلاھقا قاراۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن رەسىمنىڭ يۇقىرىقى قىسمى بىلەن تۆۋەن قىسمىنىڭ مۇناسىۋىتى كۈچەيتىلگەن. كەينى تەرەپتىكى قىلىچ، نەيزىلەر تۈمەنمىڭلىغان جەڭگىۋار قوشۇنغا مىسال قىلىنغان. بىر پۈتۈن ھەيكەل ھەيۋەتلىك ۋە تەسىرلىك. ئاساسلىقلىرى بىلەن ئىككىنچى ئورۇندىكىلىرى ئېنىق ئايرىلغان، قاتلاملىرى ئېنىق بولۇپ، مول ۋە ئۆزگىرىشچان بىر پۈتۈن گەۋدە ھاسىل قىلىنغان. «مارسېل مارشى» ئابىدە ھەيكەللىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن نەمۇنىسى. رودېي بۇنىڭ ئۈچۈن1855 - يىللىق دۇنيا يەرمەنكىسىدە ھەيكەلتىراشلىق ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «بېلىقچىنىڭ بالىسى» كەيپىياتى يەڭگىل، شەكىل يارىتىلىشى چىرايلىق، ئويۇش ماھارىتى نەپىس، تەسىرلىك كىچىك ئەسەر بولۇپ، قۇملۇقتا تاشپاقا ئويناۋاتقان بېلىقچىنىڭ بالىسى ئىپادىلەنگەن. ئۇنىڭ بېشىغا كىيىۋالغان ئۇچلۇق قالپىقىدىن يۇمران بۈدۈر چاچلىرى چىقىپ تۇراتتى. ئاستىغا بېلىق تۇتىدىغان تور سېلىنغان. ئوڭ قولىدا يەرنى تىرەپ، سول قولىدا تاشپاقىنىڭ بوينىغا سېلىنغان شوينىنى تارتىپ تۇرىدۇ. باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرۇپ، مىدىر - سىدىر قىلماي تۇرغان تاشپاقىغا قاراۋاتقان چىرايىدىن مەمنۇنلۇق كۈلكىسى چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ خىل ئەمگەكچى خەلقنىڭ تەسىرلىك تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تېما، شۇ چاغ ئۈچۈن ئېيتقاندا يۈرەكلىك بۆسۈش بولۇپ، ئىجادىيەت تېما دائىرىسىنى كېڭەيتىش، ھەيكەلتىراشلىقتىكى ئىپادىلەش ۋاسىتىسىنى بېيىتىشتىكى زور تۆھپە.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر