ۋولتېرنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلى
دۇنيادىكى ھەيكەللەر
خوۋدون (1741−1828، noduoH niotnA naeJ) فرانسىيىلىك قالتىس پورترېت ھەيكەلتىراش. ئۇ دېموكراتىك ھەرىكەتنىڭ تەسىرىدە، شۇ چاغدىكى نۇرغۇن ئىلغار شەخسلەرنىڭ ھەيكىلىنى ياسىغان. «ۋولتېرنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلى» ئۇنىڭ داڭلىق ئەسىرى.
ۋولتېر18 - ئەسىردىكى فرانسىيە ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ مۇتەپەككۇرى، پەيلاسوپ ۋە ئەدەبىياتشۇناس. ئۇ دىنىي خۇداگۇيلۇققا ۋە فېئوداللىق تۈزۈمگە رەھىمسىز زەربە بەرگەنلىكى ئۈچۈن، دىنىي جەمئىيەتتىكى نوپۇزلۇقلارنى غەزەپكە كەلتۈرۈپ قويۇپ، كۆپ قېتىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە سۈرگۈن قىلىنغان. خوۋدون ۋولتېرغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە ھۆرمىتى بىلەن ئۇنىڭ باش ھەيكىلى، كۆكرەك ھەيكىلى ۋە پۈتۈن بەدەن ھەيكەللىرىنى ياسىغان. بۇ ئولتۇرغان ھەيكەل كۆپ يىللىق سۈرگۈننى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، پارىژغا غەلىبىلىك قايتىپ كەلگەن ۋولتېر بولۇپ، ۋولتېرنىڭ ھېچنېمىگە پىسەنت قىلمايدىغان روھىي ھالىتى كارامەت ئىپادىلەنگەن. ھەيكەلنىڭ يۈز قىسمى ئىنتايىن ئورۇق ۋە ھارغېن بولۇپ، مۈشكۈل ئازاب - ئوقۇبەتلەر خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭ ئۆتكۈر ۋە نۇرلۇق كۆزلىرىدىن ھەرقانداق يوشۇرۇن جىنايەتلەر قېچىپ قۇتۇلالمايتتى. نېپىز ۋە قۇرۇغان كالپۇك ئېغىزلىرىغا يېڭىلمەس ناتىقنىڭ زالىملارغا بولغان مەسخىرە كۈچى يوشۇرۇنغانىدى. ئۇچىسىغا كەڭ ھەم ئۇزۇن يېپىنچا يېپىنغان، بېشى سەل - پەل كۆتۈرۈلگەن. ئىككى قولىدا ياغاچ ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىنى تۇتۇپ تۇرغان، ئىككى پۇتى تەبىئىي ھالدا پەسكە ساڭگىلىغان بولۇپ، تەنتەنىلىك ئولتۇراتتى. تىنچ ھالەتتىكى بۇ ھەيكەلگە ئېگىلمەس - سۇنماس كۈچ ۋە جەڭگىۋار قىزغىنلىق يوشۇرۇنغانىدى.