ھەمدەپنە قونچاقلار
دۇنيادىكى ھەيكەللەر
ئېلىمىزنىڭ شاڭ ۋە جۇ سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە قۇل ئىگىلىرى ئۆلگەندىن كېيىن قۇللار قوشۇپ دەپنە قىلىناتتى. كېيىنچە ياغاچ ۋە ساپال قونچاقلار تىرىك ئادەملەرنىڭ ئورنىدا دەپنە قىلىنىدىغان بولدى. قونچاقلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدىكى رېئال تۇرمۇشتىكى ھەر خىل ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قايتا ئايان قىلىنىشى بولۇپ، روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.
ئېلىمىزدىكى نۆۋەتتە بايقالغان قەدىمكى قونچاقلار ئىچىدە چۇ بەگلىكى دەۋرىدىكى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى230 - يىل) قونچاقلار ئەڭ بالدۇر بولۇپ، ياغاچتىن ياسالغان، شەكىل يارىتىلىشى ئاددىي بولۇپ، قونچاقنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك باسقۇچىدا ئىدى.
ئېلىمىزنىڭ ساپال قونچاقلىرى چىن سۇلالىسى دەۋرىدە تەرەققىي قىلىپ يېڭى باسقۇچقا كىرگەن. چىن سۇلالىسىدىكى ئات ۋە لەشكەر قونچاقلار بويىنىڭ ئېگىزلىكى (ئادەمنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن85 .1 مېتىر، ئاتنىڭ ئېگىزلىكى5 .1 مېتىر)، سانىنىڭ كۆپلۈكى (6 مىڭدىن ئارتۇق)، ئوبراز، چىراي قىياپەت ئۆزگىرىشلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن دۇنياغا داڭقى كەتكەن. قونچاقلار يەر ئاستىدا ھەيۋەتلىك ھەربىي سەپ تۈزگەن. چىن سۇلالىسىنىڭ قونچاق ھەيكەللىرىنىڭ سانى كۆپ، گەۋدە شەكلى چوڭ بولۇپ، ياساش ھۈنەر سەنئىتى مۇرەككەپ بولغان. تەتقىقات نەتىجىسىدە ھەيكەل بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن قېلىپلاردا ياسىلىپ ئاندىن قۇراشتۇرۇلغان دېيىلگەن.
چىن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قونچاقلارغا سېلىشتۇرغاندا، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى قونچاقلارنىڭ شەكىل يارىتىلىشى مۇبالىغە قىلىنغان. ياساش ئۇسۇلى ئاددىي، ئىخچام، بىر پۈتۈن گەۋدە ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ تۈرىمۇ كۆپ، پېرسوناژلارنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش جەھەتتە، خەن سۇلالىسى قونچىقى ستېرېئولۇق ھەيكەل، قاپارتما ۋە سىزىق ھەيكەل ئۇسۇللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جۇڭگو ھەيكەلتىراشلىقىنىڭ تېخنىكىلىق قائىدە ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئىككى جىن، جەنۇبىي، شىمالىي سۇلالىلەر مەزگىللىرىدە جەنۇبىي جۇڭگودا فارفۇر قونچاقلار بارلىققا كەلگەن. شىمالدا ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوبرازىدىكى ساپال قونچاقلار كۆپ چېلىققان. ئۇسلۇبى جەھەتتە ئاساسەن خەن، ۋېي سۇلالىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ، ئەينەن تەسۋىر ماھارىتى كۈچەيتىلگەن بولۇپ، تۇرمۇشتىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى كۆپرەك ئىپادىلىگەن. مەسىلەن، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىن قېزىۋېلىنغان ئۆرە تۇرغان ئايال ساپال قونچاق ئىككى قولىنى كۆكسىگە قويغان. بېشىنى سەل - پەل يانغا بۇرىغان، كۆڭلەكلىرى ئىخچاملىنىپ كونۇس شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن، باش قىسمىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە زىننەت بۇيۇملىرى ئىخچام، ئېنىق تەسۋىرلەنگەن، يۈز قىسمىنىڭ شەكىل يارىتىلىشى چىرايلىق، ئوچۇق چىراي، چاققان ۋە زېرەك بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ئاياللارنىڭ روھىي قىياپىتى جانلىق تەسۋىرلەنگەن.
سۈي، تاڭ سۇلالىلىرىگە كەلگەندە، ساپال قونچاق سەنئىتى تەرەققىي قىلىپ يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپال قونچىقى ئەڭ داڭلىق. تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپال قونچىقىنىڭ رەڭلىرى يارقىن، قەلەم ئىزلىرى شوخ، رەڭلىك ئىماللىرى نەمخۇش يۇمران، ئۇسلۇبى سەلتەنەتلىك. تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپال ئات ۋە تۆگە قونچاقلىرىنىڭ شەكىللىرى يېقىملىق. نىسبەتلىرى توغرا، قۇرۇلمىسى ئېنىق، سىزىقلىرى راۋان. گاھىدا ئاتلار كىشنەپ، تۆگىلەر بوزلاپ تۇرىدۇ، بەزىدە سالماق، بەزىدە بېشىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يىراقلارغا قاراپ تۇرىدۇ، بەزىدە ئېغىر يۈكلەرنى ئارتىپ قەيسەرلىك بىلەن مەردانە قەدەم تاشلاپ بۈيۈك تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەۋر قىياپىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن.
سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە قونچاقلارنى ھەمدەپنە قىلىدىغانلار ئازايدى. بەش دەۋردىن كېيىن بۇ خىل ئادەت تېخىمۇ پەسلەپ سەنئەتتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدىغان ھالغا كەلدى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئوتتا كۆيدۈرۈپ دەپنە قىلىش رەسمىيلەشتى. كېيىنچە قەغەزدە باغلاپ ياسالغان قونچاقلار ئورۇن ئالدى. شۇنىڭدىن كېيىن قونچاق ئىشلىتىلمەيدىغان بولدى