«خىيال سۈرۈش» ۋە «بالزاك»
دۇنيادىكى ھەيكەللەر
رودېن (1840−1917، nidoR tsuguA) فرانسىيىلىك مەشھۇر ھەيكەلتىراش.
«خىيال سۈرۈش» ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەسىرى بولۇپ، چىرايلىق ساددا ئايالنىڭ باش سۈرىتى ياسالغان. پېرسوناژ بېشىنى ئېگىپ جىمجىت ھالدا چوڭقۇر خىيالغا چۆمگەن. ئۇنىڭ غەمكىن كۆزلىرىدىن مەيۈسلۈك ۋە پەرىشانلىق يېغىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ چىڭ يۇمۇلغان ئاغزى قايغۇلۇق ۋە زىددىيەتلىك روھىي دۇنياسىنى ئاشكارىلاپ تۇرىدۇ. ھەيكەلدە كۆپ نەرسىلەر ئويۇلمىغان. بوينى، گەۋدىسى، قول - پۇتلىرى يوق. باش قىسمىنىڭ ئاستىدىكى تاش قولنىڭ ئۇچىدىلا ئويۇلغان، چۈنكى مۇشۇ باشتىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنىڭ بولۇشى باش تېمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. مانا بۇ رودېننىڭ بەدىئىي ماھارەت جەھەتتىكى يۈكسەكلىكى ۋە دادىللىقى ئىدى.
«بالزاك» نىڭ ھەيكىلى رودېننىڭ ئاخىرقى مەزگىللەردىكى بەدىئىي ئۇسلۇبىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. رودىن بالزاكنىڭ ھەرخىل قىياپەتتىكى7 يالىڭاچ بەدەن ھەيكىلىنى ياسىغان. قايتا - قايتا سېلىشتۇرۇش، باش قاتۇرۇش ئارقىلىق، ئەڭ ئاخىرىدا بالزاكنىڭ ئۇزۇن يېپىنچا يېپىنغان پۈتۈن بەدەن ھەيكىلىنى ھېسسىياتقا تولغان ئويۇش ئۇسۇلىدا ئويۇپ پۈتكۈزگەن. ھەيكەلنىڭ بېشى ئېگىز كۆتۈرۈلگەن. كۆزلىرى ئۇيقۇسىرىغان، ئاغزى چىڭ يۇمۇلغان، چاچلىرى چۇۋۇلغان، ئەركىن - بىمالال قىياپىتى بالزاكنىڭ رومان ئىجاد قىلىۋاتقان چاغدىكى مەسئۇلىيەتچان ۋە ئەستايىدىل خاراكتېرىنى گەۋدىلەندۈرگەن.