UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرداۋېدنىڭ ھەيكىلى

داۋېدنىڭ ھەيكىلى

دۇنيادىكى ھەيكەللەر «داۋېد» ئىتالىيىنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت قايتا گۈللەنگەن دەۋرىدىكى بۈيۈك ھەيكەلتىراش (رەسسام) مېكېلانجېلو (olegnalehciM) نىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى. ئېگىزلىكى5 .5 مېتىر بولۇپ، بىر پۈتۈن مەرمەر تاشتىن ياسالغان. داۋېد ئىنجىل قىسسىلىرىدىكى شەخس بولۇپ، كىچىكىدىنلا چىرايلىق، قاۋۇل، پاراسەتلىك، باتۇر ئىدى. فلىش قەبىلىسى ئۇنىڭ يۇرتىغا تاجاۋۇز قىلغان ۋە ئىسرائىلىيە شەھەرلىرى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىغان چاغدا، پادىچى داۋېد كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، پادا باققان چاغلىرىدا شىر ۋە ئېيىقلارنى ئۆلتۈرگەن تاش ئاتىدىغان سالغىسى بىلەن فلىش قەبىلىسىنىڭ سەركەردىسى گېرىيىنى ئۆلتۈرگەن. داۋېد ئۆزىنىڭ ئاجايىپ جەڭ غەلىبىسى بىلەن خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ ئەڭ ياش ھەربىي ئىشلار قوماندانى بولۇپ قالغان، ئالدىنقىلار داۋېدنىڭ ھەيكىلىنى ياسىغاندا، ساپلا ئۇنىڭ غەلىبە قىلغان چاغلىرىدىكى كۆرۈنۈشلىرىنى ئالغان. مېكېلانجېلو ئۆزگىچە ماھىرلىق بىلەن غەزەپ بىلەن تىكىلىپ تۇرغان جەڭ قىلىش ئالدىدىكى يالىڭاچ يىگىتنىڭ شەكلىنى ياراتقان. داۋېد سول قولىدا مۈرىسىدىكى تاش ئاتىدىغان سالغىنى يۆلەپ تۇرغان، پەسكە ساڭگىلىغان ئوڭ قولىدا بىر دانە يۇمىلاق تاشنى سىقىمداپ تۇرغان. بېشىنى سول تەرەپكە بۇراپ ئالدىدىكى دۈشمەنلەرنى ئىزدەۋاتقان بولۇپ، داۋېدنىڭ جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى جىددىي كەيپىياتى ۋە قەيسەر ئىرادىسى ئىپادىلەنگەن. ھەيكەلتىراش پېرسوناژنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىغا چوڭقۇر ئوي - پىكىر يۈرگۈزۈپ، بەدىئىي مۇبالىغە قىلىپ بىر تەرەپ قىلغان. باش قىسمىنىڭ نىسبىتىنى چوڭلاتقان، ئاياغلىرىنى ئۇزارتقان، قەھرىماننىڭ ئوبرازىنى چىقىرىش ئۈچۈن قول ۋە پۇت بوغۇملىرىنى چوڭ قىلىپ ياسىغان. بىراق ھەرقايسى قىسىملارنىڭ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسى يەنىلا نۇقسانسىز، توغرا بولغان.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر