UyghurWiki
UyghurWikiدۇنيادىكى ھەيكەللەرقاپارتما ھەيكەللەر

قاپارتما ھەيكەللەر

دۇنيادىكى ھەيكەللەر تيەنئەنمېن مەيدانىنىڭ مەركىزىدىكى خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارى،1958 - يىلى قۇرۇلغان. خاتىرە مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى94 .37 مېتىر. مۇنار ئۈستىگە ئەنئەنىۋى ئۆگزە يېپىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. يۇقىرىدا تۈرۈلگەن بۇلۇتلار، تۆۋەندە پەردىلەر بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە. مۇنار تېمىنىڭ تۆۋەندىكى تۆت ئەتراپىغا ئەپيۇن ئۇرۇشى، تەيپىڭ تيەنگودىكى جنتيەن قوزغىلىڭى، شىنخەي ئىنقىلابىدىكى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى، «4 - ماي» ھەرىكىتى، ۋۇسا ھەرىكىتى، «1 - ئاۋغۇست» نەنچاڭ قوزغىلىڭى، ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرۇشى، چاڭجياڭ دەرياسىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈش قاتارلىق1840 - يىلىدىن بۇيانقى چوڭ تارىخىي ۋەقەلەر ئايرىم - ئايرىم ھالدا قاپارتما ھەيكەل قىلىپ ئىشلەنگەن. ئەسەرلەر رېئالستىك ئۇسلۇبتا تەسۋىرلەنگەن. كومپوزىتسىيىسى چاققان، ئويمىگەرلىكى سەرخىل بولۇپ، زىننەتلىمە خاراكتېرىگە ئىگە. قاپارتما ھەيكەللەرنى ئېلىمىزنىڭ مەشھۇر ھەيكەلتىراشى ليۇ كەيچۈي قاتارلىق بىرقانچە ئونلىغان ئادەملەر قاتنىشىپ لايىھىلەپ، ئىجاد قىلغان ۋە ياسىغان. قاپارتما ھەيكەل ئەسەرلەر ئىنتايىن يۈكسەك بەدىئىي سەۋىيىگە يەتكەن. مەسىلەن، «4 - ماي» ھەرىكىتىدە، ئۇچىسىغا ئۇزۇن چاپان كىيگەن، ئورۇندۇقتا تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان بىر ياش گەۋدىلىك تەسۋىرلەنگەن. كۆپ قاتلاملىق قاپارتما ھەيكەل ماھارىتىنى قوللىنىپ، چوڭقۇرلۇق تۇيغۇسى كۈچەيتىلىپ، كەڭ كۆرۈنۈش ئىپادىلەنگەن. جۇشقۇن ئاممىنىڭ نۇتۇق سۆزلىگۈچىگە قاراپ تەلپۈنۈۋاتقان مۇبالىغە قىلىنغان ھەرىكەتلىرى، يۈرىكىدە ئوتى بار ياشلارنىڭ فېئودالىزمغا قارشى ئىنقىلابىي كەيپىياتى ياخشى ئىپادىلەنگەن. زىيالىيلارنىڭ پاختا رەختتە تىكىلگەن ئۇزۇن چاپىنى، ئۆرە ياقا ئىزمىلىق ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار فورمىسى، يېلىڭ چاپان، كەڭ پۇشقاقلىق ئىشتان كىيگەن ئەمگەكچىلەرنىڭ كىيىملىرى قاتارلىقلار روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. «چاڭجياڭ دەرياسىدىن غەلىبىلىك ئۆتۈش» تە جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى سەنليەنخۇا (ئۈچ چاتما رەسىمhcytpirT) ئۇسۇلى قوللىنىلغان بولۇپ،3 پارچە قاپارتما ھەيكەلدىن تەركىب تاپقان. ئوتتۇرىدا چاڭجياڭدىن ئۆتكەن ئاساسىي كۆرۈنۈش، ئىككى تەرىپىدە ئالاقىدار كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن بولۇپ ھەم ھەرقايسىسى مۇستەقىل كۆرۈنۈشلۈك، ھەم ئىچكى باغلىنىشلىققا ئىگە گۇرۇپپا رەسىم شەكىللەندۈرگەن.
← بارلىق تېمىلار دۇنيادىكى ھەيكەللەر